2015 - يىللىق ئاسىيا - ياۋرۇپا سودا يەرمەنكىسى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان
2015 - - يىللىق ئاسىيا - ياۋروپا سودا يەرمەنكىسى ئۈرۈمچىدە باشلانغان. بۇ يەرمەنكىگە 46 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن جەمئىي 824 كارخانا قاتناشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 202 سى چەتئەل كارخانىسى ئىكەن.
-
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015-08-13 -
-
-
2015 - - يىللىق ئاسىيا - ياۋروپا سودا يەرمەنكىسى ئۈرۈمچىدە باشلانغان. بۇ يەرمەنكىگە 46 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن جەمئىي 824 كارخانا قاتناشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 202 سى چەتئەل كارخانىسى ئىكەن.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىن يەرمەنكىگە قاتناشقان كارخانىلار ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، توقۇمىچىلىق، ئۈنچە - مەرۋايىت، قاشتېشى قول ھۈنەر بۇيۇملىرى، كىيىم - كېچەك ساھەلىرىدە كۆرگەزمىگەن قاتناشقان. خەۋەردە، يەرمەنكىگە ئۇيغۇر ئېلىدىن قاتناشقان كارخانىلارنىڭ نىسبىتى ئۆرلەپ 51 پىرسەنتكە يەتتى، دېيىلگەن، ئەمما بۇ كارخانىلارنىڭ قانچىلىكىنىڭ يەرلىك خەلقلەرگە ئائىـتلىقى ئېنىق ئەمەس.
خىتاي دائىرىلىرى يەرمەنكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ئۈچۈن زور ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئەمما چەتئەللەردىكى مۇتەخەسسىلەر بۇ يەرمەنكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ئىقتىسادىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس، خىتاينىڭ ياۋرو - ئاسىياغا ئېچىلىش ئىستراتېگىيىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.