خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھاۋا ھۇجۇملىرى «ئۇرۇش جىنايىتى ھاسىل قىلىشى مۇمكىن» دېدى
2015.12.23
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى رۇسىيەنىڭ سۈرىيەنى بومبىلاش ھەرىكىتى «ئۇرۇش جىنايىتى» ھاسىل قىلىشى مۇمكىن، دېدى. مەزكۇر تەشكىلات چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھاۋا ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە يۈزلىگەن ئاۋام پۇقرانىڭ ئۆلگەنلىكىنى، ئولتۇراق رايونلار، ئۆيلەر، مەسچىتلەر ۋە ئادەم كۆپ بازارلار ۋە ھەتتا دوختۇرخانىلارنىڭ ئېغىر دەرىجىدە زەخىملەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ «ھۇجۇملاردىكى پاكىتلار رۇسىيەنىڭ خەلقئارالىق ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنلىرىنى دەپسەندە قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن.
بىراق، رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرىدىكى سۆزلىرىنى قەتئىي رەت قىلىپ، تەشكىلاتنىڭ دوكلاتىنى «يالغان بىلەن تولغان» دەپ ئەيىبلىگەن.
رۇسىيە ئارمىيەسى بۇ يىل 30-سېنتەبىر كۈنىدىن ئېتىبارەن سۈرىيەدىكى ھاۋا ھۇجۇم ھەرىكىتىنى باشلىغان ئىدى. رۇسىيە ئۆزىنىڭ بەشار ئەسەدكە ياردەم قىلىپ، «دائىش» تېررور تەشكىلاتىغا ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن.
بىراق، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى «29-نويابىرغىچە بولغان ئارىلىقتا ئەڭ ئاز دېگەندە 200 نەپەر ئاۋام پۇقرا رۇسىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى نەتىجىسىدە ئۆلدى» دېدى.
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئاغرىقىغا مەسئۇل دىرېكتورى فىلىپ لۇتېر «بۇنداق ھۇجۇم ئۇرۇش جىنايىتى تەشكىل قىلىشى مۇمكىن» دەپ ئەسكەرتكەن.