ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەنىڭ 3 ئاۋىياماتكىسى خىتايغا يېقىن ئوكىناۋا دېڭىز رايونىغا يېتىپ بارغان
2021.08.26
ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيەنىڭ ئۈچ ئاۋىياماتكىسى ئوكىناۋا دېڭىز رايونىغا يېتىپ كەلگەن. «فوربېس» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئۈچ ئاۋىياماتكا گۇرۇپپىسى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاي دېڭىز تەۋەلەكىگە يېقىن جايدا كۆرۈلگەن ئەڭ كۈچلۈك ھەربىي بىرلىك بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
«خانىش ئېلزابىت»، «ئامېرىكا» ۋە «كارىل ۋىنسون» ناملىق بۇ 3 ئاۋىياماتكىنىڭ ئوكىناۋا دېڭىز رايونىغا يېتىپ كېلىشى ۋاقىت جەھەتتىن دىققەتكە سازاۋەر بولۇپ، بۇ دەل يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشنى مەقسەت قىلغان ھەربىي مانۋېرلىرىنى كۈچەيتكەن مەزگىلگە توغرا كەلگەن. بۇ ئاۋىياماتكىلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئوكىناۋا دېڭىز رايونىدا پىيدا بولۇشى، خىتايغا بىرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
ئايرىم-ئايرىم يۆنىلىشتىن چىقىپ ئاخىرى بىر يەرگە جەم بولغان بۇ ئاۋىياماتكىلار ۋە ئۇلارغا قاچىلانغان زور ساندىكى كۈرەشچى ئايروپىلانلار باشقا كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ بارلىق ھەربىي پاراخوتلاردىنمۇ زور ئوت كۈچىگە ۋە زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن. «فوربېس» نىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى پەقەت ئىككى دانە ئاۋىياماتكىغا ئىگە بولۇپ، ھەر ئىككىسىنىڭ ھەجىمى ۋە ئىقتىدارى ئايال پادىشاھ ئېلىزابېت ناملىق ئاۋىياماتكىغا ئوخشايدىكەن.
يۇقىرىقى بۇ ئۈچ ئاۋىياماتكىدا 80 دىن ئارتۇق F-35 ۋە F-18 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ يېرىمى رادار قاتارلىق بايقاش تېخنىكىلىرىدا كۆرۈنمەيدىغان كۆرۈنمەس ئايروپىلانلار ئىكەن. بۇ ئاۋىياماتكىلار يەنە ئون نەچچە قوغدىغۇچى پاراخوت، بىر نەچچە سۇ ئاستى پاراخوتى ۋە نەچچە يۈزلىگەن يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئەترىتىنىڭ كاپىتانى رىچارد لېبرون «فوربېس» قا قىلغان سۆزىدە «يۇقىرىقىلارنىڭ ۋەزىپىسى خەلقئارا ئۆلچەم، قائىدە ۋە قانۇنلارغا ماس ھالدا ئامېرىكانىڭ ھەر قانداق جايدا ۋە ھەر ۋاقىت ئەركىن مەشغۇلات قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتۇر،» دەپ تەكىتلىگەن.
«فوربېس» نىڭ ئېيتىشىچە، تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقى تەھدىت ئاستىدا بولۇپ، بۇ يىل يازدا خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتۈشىنى مەقسەت قىلغان تەييارلىق خىزمەتلىرىنى كۈچەيتكەن. كىشىنى ئەڭ ئەندىشىگە سالىدىغىنى شۇكى، خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى مىڭلىغان تاجاۋۇزچى ئەسكەرلەرنى توشۇشقا ئىشلىتىدىغان بىر قىسىم زور تىپتىكى توشۇش پاراخوتلىرىنى سەپەرۋەر قىلغان ئىكەن.