ئۆتكۈر ئەركىن ئەقلىي تېلېفونلاردىكى ئۇيغۇر يېزىقى مەسىلىسىنى ھەل قىلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013.05.14

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 2009-يىللىق يۇمشاق دېتال كەسپى سىنىپى ئوقۇغۇچىسى ئۆتكۈر ئەركىن ياسىغان ئۇيغۇرچە تېلېفون ئۇچۇر يۇمتالى، ئەقىللىق تېلېفونلاردىكى ئۇيغۇر يېزىقى مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

ئۇيغۇربىز تورىنىڭ خەلقئارا تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكۈر ئەركىن 2012-يىلى 11-ئايدا «خىتاي بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ياش ئىجادكارلارنى باھالاش» پائالىيىتىگە قاتناشقان. ئۆتكۈر ئەركىن پائالىيەتكە قاتناشقان بىر مىليون 710 مىڭ ياش ئىچىدىن تاللىنىپ، خىتاي مەملىكەتلىك 1-دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۆتكۈر ئەركىن نۆۋەتتە ئۆزى قۇرغان «يۇمتال تېخنىكا شىركىتى»نىڭ باش نازارەتچىسى بولۇپ، ئۆتكۈر ئەركىن ئۆزىنىڭ بۇندىن كېيىنكى نىشانىنىڭ موڭغۇل تىلى ۋە تىبەت تىلى قاتارلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان تېلېفون ئۇچۇرى يۇمتالى ياساش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.