ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نى ماقۇللىشى خەلقئارا تاراتقۇلاردا كەڭ ئىنكاس قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-12-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ 3‏-دېكابىر كۈنى ئاۋاز بېرىپ، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نى ماقۇللىشى خەلقئارا تاراتقۇلاردا كەڭ ئىنكاس قوزغىدى. نوپۇزلۇق خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ شۇ كۈنكى خەۋەرلىرىدە، قانۇن لايىھەسىنىڭ ئاۋام پالاتادا مۇتلەق كۆپ ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغانلىقى، ئۇنىڭ خىتايغا كۈچلۈك بىر سىگنال بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

BBC نىڭ خەۋىرىدە، ئۇنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى جون سادۋورسنىڭ ئاۋازى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، «ئەگەر بۇ لايىھە قانۇنغا ئايلانسا، بۇنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشىغا قارشى بېسىم ئىشلىتىش يولىدىكى ئىنتايىن مۇھىم خەلقئارا تىرىشچانلىق بولۇپ قالىدىغانلىقى» تەكىتلەنگەن. BBC نىڭ خەۋىرىدە يەنە، ئاۋام پالاتاسىنىڭ قارارى خىتاينىڭ غەزىپىنى قوزغىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەنلىكى، ئۇلارنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسى «خىتايغا مۇھىم سىگنال بېرىدۇ،» دەپ قارايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى، قانۇن لايىھەسىدە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشقا قاتناشقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش تەلەپ قىلىنغانلىقى، ۋاشىنگتون بىلەن بېيجىڭ ئارىسىدىكى ئىختىلاپ كېڭىيىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، بۇ قانۇننىڭ يەنە بىر توقۇنۇش پەيدا قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» نىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ قانۇندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو نىشانغا ئايلانغانىكەن. خەۋەردە، ئۇنىڭ «شىنجاڭدىكى تۇتقۇن ۋە نازارەت پروگراممىسىنىڭ جاۋابكارى» دەپ قارىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

ئەنگلىيە «مۇھاپىزەتچى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە، بۇ قانۇندا «خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى مۇسۇلمان مىللەتلەرنى باستۇرۇشىغا قارىتا ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق قول بولۇشى تەلەپ قىلىنغانلىقى»، پرېزىدېنت ترامپ «خىتاي بىلەن سودا كېلىشىمى ئىمزالاشقا كىرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ بىر خىتاي سىياسىي بىيۇرو ئەزاسىنى جازالىشى تەلەپ قىلىنغانلىقى» تەكىتلەنگەن. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» 3‏-دېكابىر ئاۋازغا قويۇلۇپ، 407 ئاۋازنىڭ قوللىشى، بىر ئاۋازنىڭ قارشى چىقىشى بىلەن ماقۇللانغانىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت