غەرب ئەللىرى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ قارارىدىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى 6-ئۆكتەبىر غەرب ئەللىرى تەرىپىدىن سۇنۇلغان ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش تەكلىپ لايىھەسىنى رەت قىلغاندىن كېيىن ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئۇيغۇرلار ئۈچۈن داۋاملىق ئادالەت تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكانىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مىشېل تەيلور، بىلەت تاشلاش نەتىجىسىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ھېچقانداق بىر دۆلەت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە مۇزاكىرە قىلىنىشتىن مۇستەسنا بولماسلىقى كېرەك» دېگەن. مىشېل تەيلور مۇنداق دېگەن: «بىز شېرىكلىرىمىز بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىپ، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ قۇربانلىرى ئ‍ۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىش ۋە جاۋابكارلىققا تارتىش تىرىشىچانلىقىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز».

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر پەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە-قىلىش قىلماسلىق تەكلىپ لايىھىسىگە بىلەت تاشلىغان. تەكلىپ لايىھەسى غەرب ئەللىرىنى ئاساس قىلغان 17 دۆلەتنىڭ قوللىشى، خىتاينى قوللايدىغان 19 دۆلەتنىڭ قارشى تۇرۇشى ئارقىسىدا رەت قىلىنغانىدى. ئەنگلىيەنىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سىمون مانلېي خىتاينىڭ مۇزاكىرىنى توسۇپ، ھەقىقەتنى يوشۇرۇش غەرىزى ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

سىمون مانلېي، 6-ئ‍ۆكتەبىر ئېلان قىلغان باياناتىدا: «بۈگۈن كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى خىتايغا ئېنىق سىگنال بەرگەن: قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەيلى قەيەردە يۈز بەرسۇن ياكى كىم تەرىپىدىن سادىر قىلىنسۇن، كۆرۈنەرلىك ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ بۇنىڭغا سۈكۈت قىلمايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن» دېگەن.

ئ‍وخشاش بىر ۋاقىتتا يەنە ئاۋسترالىيەنىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىمۇ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ قارارىدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويىدىكەن. پەيشەنبە كۈنىدىكى بېلەت تاشلاشتا ئۇكرائىنا ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كەچكەنىدى. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇكرائىنانىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى 7-ئ‍ۆكتەبىر جۈمە كۈنى تەكلىپ لايىھەسىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئۇكرائىنانىڭ قارارىنى ئۆزگەرتىشى ھېسابقا ئېلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.