ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا سىياسىي تەلىم تەربىيىنى چىڭ تۇتۇش تەكىتلەنمەكتە

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016.08.16

خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان سىياسىي تەلىم تەربىيىنى چىڭ تۇتۇش تەلىپى بارغانچە كۈچەيتىلگەن.

رادىيومىزغا ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن ئۇچۇر يەتكۈزگەن ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 15-ئاۋغۇست دۈشەنبە كۈنىدىن باشلاپ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار يىغىۋېلىنىپ، ھەرقايسى ئىنستىتۇتلاردا سىياسىي ئۆگىنىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

مەزكۇر ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار دۈشەنبە كۈندىكى ئۆگىنىشتە ئالدى بىلەن بۇلتۇر قىشلىق تەتىلدە خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن رەسمىي ئېلان قىلىنغان «ئۇنىۋېرسىتېتلاردا غەرب قىممەت قارىشى ئىپادىلەنگەن ئىدېئولوگىيىنىڭ يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ئۇقتۇرۇشىغا ئائىت كونكرېت ھۆججەت-ماتېرىياللارنى ئۆگىنىشكە ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇندىن باشقا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەيىنلەنگەن ئەمەلدارلىرى جاڭ چۈنشيەن، شۆھرەت زاكىر قاتارلىقلارنىڭ «دىنىي رادىكاللىقنى تۈگىتىش»، «مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا دىنىي كەيپىياتنىڭ كۈچىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مائارىپ ساھەسىدە ئېچىلغان يىغىنلاردا بېرىلگەن دوكلاتلىرىنى ئۆگىنىپ، بۇلارنى ئۆزىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىگە تەتبىقلاش ۋە ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىدە بۇ مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇشقا ۋەدە بېرىش» تەلەپ قىلىنغان.

رادىيومىز ۋە خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىدە، ئىلگىرىكى يىللاردا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلار قىشلىق، يازلىق تەتىل مەزگىللىرىدە مۇددەتتىن ئىلگىرى يىغىۋېلىنىپ بۇ خىل سىياسىي ئۆگىنىشلەرگە قاتناشتۇرۇلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنىپ كەلگەن. نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن ئۇيغۇر دائىرىلىرىنىڭ ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇنىۋېرسىتېتلاردىمۇ ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان سىياسىي تەلىم تەربىيىنى چىڭ تۇتۇش تەلىپىنى كۈچەيتكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.