ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ما گوچياڭ كومپارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.08.26

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 24-ئاۋغۇست كۈنى ئۈرۈمچىدە چاقىرىلغان 10-نۆۋەتلىك 12-ئومۇمىي يىغىنى قارار ماقۇللاپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ما گوچياڭنى كومپارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، ما گوچياڭنىڭ پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىنكى ئاقىۋىتى قانداق بولىدىغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلىشى ئەدلىيە تارماقلىرى تەرىپىدىن جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، دەپ قارالماقتا. بۇ يىل 51 ياشلىق ما گوچياڭ، 2023-يىلى 8-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەرىپىدىن ئىنتىزام ۋە قانۇن-تۈزۈمگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىش سەۋەبلىك تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.

يۇرتى خېنەنلىك بولغان ما گوچياڭ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سابىق سېكرېتارى چېن چۈەنگو ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپ، لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامىغان مەزگىللەردە ئاقسۇ شەھىرىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ما گوچياڭ 2023-يىلى 8-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارلىق ۋەزىپىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە توختىتىپ تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ بۇ يىل 1-ئايدا ئېلان قىلغان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى ماقالىسىدە، ما گوچياڭنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان. ماقالىدا، «سىياسىي مەسىلە بىلەن ئىقتىسادى مەسىلىلەرنىڭ گىرەلىشىپ كېتىشى نۆۋەتتىكى چىرىكلىكنىڭ تىپىك ئالاھىدىلىكى» ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ما گوچياڭ بىر تەرەپ قىلىنىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ بىلەن ئىلگىرى ئاقسۇدا بىرگە ۋەزىپە ئۆتەپ، كېيىن ئاپتونوم رايونغا يۆتكەپ كېلىنگەن خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ سانىمۇ خېلى بار ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.