ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا پارتكومنىڭ ھۆكۈمەت ساھەسىدىكى كونتروللۇقى تېخىمۇ كۈچەيتىلگەن

13-مارت كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يىغىن چاقىرىپ، مەركەزنىڭ «مەملىكەت بويىچە پارتكوملارنىڭ جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمىنى قۇرۇش» تەكلىپ لايىھەسىگە بىنائەن، «ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمى» نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 14-مارت كۈنى چىقارغان خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۆتكەن يىلى خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى بىرلىشىپ،«پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئىسلاھات لايىھەسى» نى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مەركىزىي كومىتېت جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمى ھەمدە ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمىنى تەسىس قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇ قېتىم بېيجىڭدا ئېچىلغان ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى تارماقلىرىنىڭ ھوقۇقىنى كىچىكلىتىدىغان بىر قانۇن لايىھەسى ماقۇللانغان بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىجرائات رولى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قولىغا تېخىمۇ مەركەزلەشكەنىدى.

«خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىرلىككە كەلگەن رەھبەرلىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش»تەلەپ قىلىنىۋاتقان ۋەزىيەتتە، خىتايدا قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىمۇ خەلق قۇرۇلتىيىدىن پارتىيەنىڭ قولىغا ئۆتكەن بولۇپ، بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن، غەرب دۇنياسىدا غەيرىي ئاڭلىنىدىغان بۇ ئىشنىڭ كوممۇنىست خىتايدا نورمال ھادىسە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

نۆۋەتتە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھاكىممۇتلەق رولى كۈچىيىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمى قۇرۇلغاندىن كېيىن، پارتىيەنىڭ يەرلىك ئورۇنلار ۋە جەمئىيەت قاتلىمىغا، ئەرزىيەت ئىشلىرىدىن تارتىپ ئىقتىسادقىچە ھەر ساھە، ھەر كەسىپكە ئارىلىشىدىغانلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ رولى قالمايدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.