ئېلىزابېت لىنچ: «خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ھۇجۇم قىلىشى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-10-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلارنىڭ ئىچىدە قانداق قەبىھلىكلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقى شۇ جايلاردا يېتىپ باققان شاھىتلارنىڭ بايانلىرىدىن كۆپلەپ مەلۇم بولۇشقا باشلىدى. بولۇپمۇ مېھرىگۈل تۇرسۇن، گۈلباھار جېلىلوۋا، سايراگۈل ساۋۇت قاتارلىقلارنىڭ گۇۋاھلىقى لاگېرلاردىكى قىزلار ۋە ئاياللارنىڭ قانداق جىنسىي پاراكەندىچىلىككە ۋە خورلاشقا ئۇچرايدىغانلىقىنى جانلىق تەسۋىرلەپ بەردى.

«خىتاي قانۇنى ۋە سىياسەتلىرى» تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ھەمدە باش مۇھەررىرى ئېلىزابېت لىنچ «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 21-ئۆكتەبىر سانىغا بېسىلغان مۇشۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە ئۇيغۇر شاھىتلار بايان قىلغان ئەھۋاللارنىڭ «خەلقئارا قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسى» دىكى مۇناسىۋەتلىك ماددىلارغا دەل چۈشىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ مەزكۇر ئەھدىنامىدا تۇغۇت چەكلەش، سەبىلەرنى ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىش، مەجبۇرىي ھامىلىدار قىلىش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش، جىنسىي خورلاش قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ تولۇق ھالدا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتىلگەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. شۇنىڭدەك ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمسىدىننىڭ ماقالىسىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ‹قايتا بەرپا قىلىش› ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە مىللىي كىملىكىنى قايتا قۇرۇشنى ئويلاۋاتىدۇ. چۈنكى بىر خەلقنى يوقىتىۋېتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ئاياللىرىنى يوقىتىۋەتكەندە بۇ نىشان ئوڭايلا ئەمەلگە ئاشىدۇ» دەيدۇ.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە زور ساندىكى قىزلار ۋە ئاياللار بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇشۇ خىلدىكى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» نىڭ قۇربانى بولۇۋاتقانلىقىدەك رېئاللىق خەلقئارانىڭ دېگەندەك دىققىتىنى قوزغاپ كېتەلمىگەن. ئەمەلىيەتتە بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى نىشان قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى سۇسلاشتۇرۇش ھەمدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىشنىڭ كويىدا بولماقتا ئىكەن. بولۇپمۇ سايراگۈل ساۋۇتنىڭ «تۈرمە گۇندىپايلىرى ھەر ئاخشىمى ئەڭ چىرايلىق قىز مەھبۇسلارنى تاللاپ ئېلىپ چىقىپ كېتىدۇ ھەمدە ئەتىسى ئەتىگەندە قايتۇرۇپ كېلىدۇ. مەن يەنە كوللېكتىپ باسقۇنچىلىقنىڭ شاھىتى بولدۇم» دېگەن بايانلىرىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر قىز-چوكانلىرى دۇچ كېلىۋاتقان جىنسىي خورلاشنىڭ قايسى دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ پۇلدار خىتاي خوجايىنلار ئۈچۈن ئويۇنچۇق بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس ئىكەن.

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئەۋج ئالغان «تۇغقان بولۇش» پائالىيىتى ئارقىلىق خىتاي كادىرلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە مەجبۇرىي ئورۇنلاشتۇرۇش يەنە بىر ياقتىن لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇر قىز-چوكانلىرىنى خىتاي كادىرلىرىنىڭ «جىنسىي ئوۋ» نىشانى قىلىۋېلىشىغا قۇلايلىق يارىتىپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇت نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش، ئۇلارنى خىتايلار بىلەن تويلىشىشقا مەجبۇرلاش، تۇغۇلۇپ بولغان سەبىلەرنى ئائىلىسىدىن ئايرىپ «ياتاقلىق مەكتەپتە ئوقۇتۇش» نامىدا ئاتا-ئانىسىدىن جۇدا قىلىش قىلمىشلىرىمۇ يەنە بىر ياقتىن مۇشۇ خىلدىكى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» نى تەشكىل قىلماقتا ئىكەن.

ئاپتور مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ «ئەھۋال مۇشۇ ھالغا بېرىپ يەتكەن تۇرۇقلۇق خەلقئارا نېمە ئۈچۈن بۇ مەسىلىگە قارىتا ئورنىدىن دەست تۇرمايدۇ؟» دەپ سوئال قويىدۇ. شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ساھەدىكى پائال تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇش بىلەن بىرگە «لاگېر تاقالغان ھالەتتىمۇ خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى جىنايى سىياسەتلىرى ئۆزگەرمەيدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تەقدىرىمۇ تەلەپلەر ئىچىدىن ئورۇن ئېلىشى لازىم» دەپ كۆرسىتىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت