خىتاينىڭ بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئايال لاگېر شاھىتلىرىنىڭ شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلىشى ئىجتىمائىي تاراتقۇدا قاتتىق ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى. كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفىيە رىچاردسون 1-مارت تىۋېتتىردا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ھۇجۇمىغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، «بۇ ئۆزىنىڭ بايانلىرىنى كونترول قىلىشمۇ ياكى ئىرقچىل ئاياللار دۈشمەنلىكىنىڭ خىتاي دۆلەت سىياسىتى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشمۇ» دەپ تەكىتلىگەن. سوفىيە رىچاردسوننىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ھۇجۇمى «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدە ئىشەنچلىك ئەمەسلىكىنىڭ قالتىس ئىستراتېگىيەسى» ئىكەن.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات رەيھان ئەسەت تىۋېتتىردىكى ئىنكاسىدا خىتاي تاشقى مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ سۆزىنى تەنقىدلەپ، «مەن بۇنداق پەسكەشلىكنى ھېچقاچان ئاڭلاپ باقمىغان» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ «باشقىلارنىڭ خاراكتېرىگە باھا بېرىش سالاھىيىتى يوق» ئىكەن. ئۇيغۇر لاگېر شاھىتى تۇرسۇناي زىياۋۇدۇن لاگېرلاردا ئۇيغۇر ئاياللىرىغا سىستېمىلىق باسقۇنچىلىق قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان. خىتاي تاشقى ئىشالار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن ئۆتكەن ھەپتە تۇرسۇناي زىياۋۇدۇننىڭ شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلغانىدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا جورجىتوۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېيمىس مىلۋارد «بۇنى بىئولوگىيە، كۆپىيىش ۋە جىنسىيەت نۇقتىسىدىن ئالغاندا دۇنيا ئۈچۈن بەك قورقۇنچلۇق»، «خىتاي بۇنى تونۇپ يەتكەندەك قىلىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ بۇنداق ھاماقەتلەرچە جاۋاپ بەرگەنلىكىنى كۆرۈۋاتىسىز» دېگەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 1-مارت ئۇيغۇر لاگېر شاھىتلىرىنىڭ كونكرېت ئۇچۇرلىرىغا دائىر سوئاللارغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان.