ئۇيغۇر ئاياللىرى ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، دۇنيا ئاياللىرىنى ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ياردەم قىلىشقا چاقىردى

ئۇيغۇر، قازاق ئايال لاگېر شاھىتلىرى ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇر ئايال پائالىيەتچىلىرى 8-مارت خەلقارا ئاياللار بايرىمى ھارپىسىدا ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، دۇنيا ئاياللىرىنى ئۇيغۇر ئاياللىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشقا چاقىرغان.

ئوچۇق خەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك تۈركىي مىللەت ئاياللىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر ۋەزىيەتكە دىققەت قوزغاش ئۈچۈن بۇ ئوچۇق خەتنى يازغانلىقى، «نۆۋەتتە ئۇيغۇر ۋە باشقا تۇركىي مىللەتلەر ئاياللىرىنىڭ خىتاي دۆلەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن سادىر قىلىنىۋاتقان خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، قىيىن-قىستاق، باسقۇنچىلىق، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، بالا چۈشۈرۈشنى ئوز ئىچىگە ئالغان ئەڭ قەبىھ جىنايەتلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى» تەكىتلەنگەن.

ئوچۇق خەتتە ئۇلارنىڭ خىتاي ئەرلىرى بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى، بالىلارنىڭ ئانىلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلىپ، يىتىمخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، كومپارتىيە كادىرلىرىنىڭ «قوشماق تۇغقان» بولۇش نامىدا ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئۇلارنى نازارەت قىلىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ يولدىشى لاگېر ياكى تۈرمىلەردىكى كۆپىنچە ئۇيغۇر ئاياللىرىغا نىسبەتەن جىنسىي پاراكەندىچىلىككە ئۇچراشتەك ھاقارەتلىك مۇھىت ياراتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر ئوچۇق خەت قەلبىنۇر سىدىق، سايراگۈل ساۋۇتباي، تۇرسۇنئاي زىياۋدىن قاتارلىق ئايال لاگېر شاھىتلار ھەمدە گوللاندىيە، كانادا، ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر ئايال ئاكتىپلارنىڭ نامىدا ئېلان قىلىنغان.

ئوچۇق خەتتە بەزى جاسارەتلىك ئاياللارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلاردا شاھىت بولغان سىستېمىلىق جىنسىي زوراۋانلىقلارنى باتۇرلۇق بىلەن ئاشكارلىغانلىقى، لېكىن خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئايال شاھىتلارنىڭ شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارغا تۆھمەت قىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. ئوچۇق خەتتە «دۇنيانىڭ ھەر قايسىي جايلىرىدىكى ئاياللارنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى قوللاپ، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەت ئاياللىرى تېگىشلىك بولغان ھەقىقىي ھۆرمەت ۋە ئىززەت ئىچىدە ياشىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ياردەم قىلىش ۋاقتى كەلدى،» دېيىلگەن.