«ئوتتاۋا پۇقرالىرى» گېزىتى: «ئاۋازىنى چىقىرالمايدىغان ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچۈن سۆزلىشىمىز كېرەك»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.01.24

كاناداىكى ئوتتاۋا ئۇنىۋېرسىتېتى ئاممىۋى ۋە خەلقئارا مەسىلىلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى مارگارېت مىككۇيايىگ جونستون «ئوتتاۋا پۇقرالىرى» گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، كانادالىقلارنى خىتاينىڭ «يىتىملار يەسلىلىرى» ۋە «ياتاقلىق مەكتەپلىرى» دىكى ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچۈن سۆزلەشكە چاقىرغان. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، كانادالىقلارغا نىسبەتەن يەر شارىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش مۇمكىندەك كۆرۈنمىسىمۇ، بىراق «كانادالىقلار ۋە كانادا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ھەم ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ناچار ۋەزىيىتىنى كۆپچىلىكنىڭ نەزەرىدە تۇتۇپ تۇرۇشى» …، «چوقۇم ئاۋازىنى يەتكۈزەلمەيدىغان ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچۈن سۆزلىشى كېرەك» ئىكەن.

مارگارېت مىككۇيايىگ جونستون «خىتايدا ئۇيغۇر بالىلىرىغا بولۇۋاتقان ئىشلار پەشكەشلىك» ماۋزۇلىق ماقالىسىدە، قاچان ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى تىلغا ئېلىنسا، بېيجىڭنىڭ كانادادىكى ياتاقلىق مەكتەپلەر مەسىلىسىنى تىلغا ئالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بىراق بىز دەل يەرلىك خەلقلەرگە قىلىنغان ئادالەتسىزلىكنى بىلگەنلىكىمىز ئ‍ۈچۈن، بىز ھازىر خىتايدا بولۇۋاتقان ئىشلاردىن چۆچۈپ كەتتىق،» دېگەن.

ئۇ نۆۋەتتە دۇنيادىكى كۆپچىلىك كىشىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭ بالىلارغا بولغان تەسىرى توغرىسىدا بىلىنگەنلەرنىڭ ئىنتايىن ئاز ئىكەنلىكى، بۇ مەزكۇر كرىزىسنىڭ ئەڭ قورقۇنۇچلۇق تەرەپلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مارگارېت مىككۇيايىگ جونستوننىڭ ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلاردىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدا يېڭى ياتاقلىق مەكتەپلەرنى سېلىپ، 2019-يىلنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر 880 مىڭ بالىنى بۇ «مەكتەپلەر» گە ئورۇنلاشتۇرغان ئىكەن. ئۇ، شۈبھىسىزكى، ھازىر بۇ ساننىڭ بىر مىليوندىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، چۈنكى مۆلچەرلەرگە قارىغاندا، ئۇيغۇر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى بالىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ بۇ بالىلار تەربىيەلەش لاگېرىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ بالىلار غايەت زور پسىخولوگىيەلىك زىيانغا ئۇچراۋاتقان بولۇپ، بۇ مەكتەپلەردىكى نازارەت تېخنىكىسى، مىڭە يۇيۇش تەربىيەسى ئۇلاردا قورقۇنچ ۋە يوشۇرۇن زېھنى قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.