كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى: «ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشىغا دەرھال يول قويۇشى كېرەك»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.09.16

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى 16‏-سېنتەبىر كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاتالمىش «ياتاقلىق مەكتەپلەر» ۋە «يېتىمخانىلار» دىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ دەرھال ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشىغا يول قويۇلۇشقا چاقىردى. دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان تۈركى مىللەت بالىلىرىنى ئائىلىسىدىن زۆرۈرىيەتسىز ئايرىۋېتىشتەك بۇ قىلمىشىغا دەرھال خاتىمە بېرىشى كېرەك» ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017‏-يىلى باشلانغان «تېررورلۇق»، رادىكاللىق» قا زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە 2 مىليوندەك ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان تۈركى مىللەتلەر تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرلارغا قامالغان، نۇرغۇن كىشى قاماق جازالىرىغا مەھكۇم قىلىنغانىدى. دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان ياكى چەتئەللەرگە چىقىپ كەتكەن سانسىزلىغان كىشىنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ماقۇللۇقىسىز دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى بالىلار پاراۋانلىق ئورۇنلىرىغا ۋە ياتاقلىق مەكتەپلەرگە يىغىۋالغانلىقى تەكىتلەنگەن. دوكلاتتا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ خىتاي بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفىيە رىچاردسوننىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بالىلارنى مەجبۇرىي ئايرىۋېتىشى بەلكى، شىنجاڭدىكى باستۇرۇشنىڭ ئەڭ رەھىمسىز ئېلىمېنتىدۇر. بالىلار دەرھال خىتايدا تۇرۇشلۇق ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بېقىشىغا قايتۇرۇپ بېرىلىشى ياكى چەتئەللەردىكى ئاتا-ئانىلىرى بىلەن جەم بولۇشىغا يول قويۇلۇشى كېرەك» دېيىلگەن.

دوكلاتتا يەنە، ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدە بالىلارنى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى بۇ ئورۇنلارغا ئەۋەتىش توغرىسىدا ئىنتايىن ئاز ئۇچۇر بارلىقى ئەسكەرتىلىپ، بۇ ھۆججەتلەردە كىملەرنىڭ ماقۇللىغىنى ئېلىش كېرەكلىكى، بۇنىڭغا قايسى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇل ئىكەنلىكى ئېنىق كۆرسىتىلمىگەنلىكى، ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرى بەزى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ يېتىم بالىلارنى توپلاش توغرىسىدا يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلاردىن سانلىق ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى خەۋەر قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ دوكلاتنى تەييارلاشتا پەرزەنتلىرى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان چەتئەلدىكى 5 ئائىلىنى زىيارەت قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.