ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن ۋە قەشقەر قاتارلىق جايلىرىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرىنىڭ ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدە «ئانارنىڭ دانىسىدەك بولۇش» پائالىيىتىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم.
خىتاي خەۋەرلەر تورى ۋە تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، خوتەننىڭ چىرا ناھىيەسىدىكى 19 مەكتەپتىن تەشكىللەنگەن 62 نەپەر ياش-ئۆسمۈر يېقىندا تيەنجىنگە ئاپىرىلغان بولسا، توققۇزتارا ناھىيەسىدىن كەلگەن 20 نەپەر ياش-ئۆسمۈر جاڭجياگاڭ شەھىرىگە ئاپىرىلغان.
تيەنجىنگە ئاپىرىلغان بالىلار ئۇ يەردە جۇ ئېنلەي ۋە دېڭ يىڭچاۋ خاتىرە سارىيى، بېيپىڭ-تيەنجىن جەڭ خاتىرە سارىيى قاتارلىق ئورۇنلارنى زىيارەت قىلىپ «تارىخ ئۆگىنىشكە» ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ پائالىيەت تيەنجىن ۋە چىرا ناھىيەسى ئارىسىدىكى «ئالاقە، ئالماشتۇرۇش ۋە قوشۇلۇپ كېتىش» نى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا 2017-يىلى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە لاگېر سىياسىتىنى يولغا قويغان بىلەن تەڭ، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» ، «دۆلەت تىلى» ، «مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشى» ۋە «ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش» دېگەندەك بىر قاتار سىياسىي تېرمىنلارنى ئىشلىتىپ، رايوندىكى ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىشنى، ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت كومپارتىيەنىڭ دىنىي سىياسىتىنى يەنىمۇ چىڭىتقانىدى.
چەتئەللەردىكى ئانالىزچىلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يۇقىرىقى سىياسىي تەدبىرلەر، بولۇپمۇ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىش» شوئارى ئارقىلىق خىتايلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈستىدىن ھەر تۈرلۈك «مېڭە يۇيۇش» يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.
يۇقىرىدىكى خەۋەرلەردىن قارىغاندا، خوتەننىڭ چىرا ناھىيەسى بىلەن تيەنجىننىڭ جىننەن رايونىدىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى «ھەمكارلىق ۋە ئورتاق قۇرۇش پائالىيىتى» بويىچە بىر يەرگە جەم قىلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر تىلىدىكى مىللىي مائارىپنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتكەن بولۇپ، ئۇيغۇر بالىلىلىرىنىڭ خىتايچە مائارىپ تەربىيەسى ئېلىشى بەلگىلەنگەنىدى.
توققۇزتارا ناھىيەسىدىن كەلگەن 20 نەپەر ياش-ئۆسمۈر جاڭجياگاڭ شەھىرىگە ئاپىرىلىپ ئۇ يەردە «ئانارنىڭ دانىلىرى بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» جاڭجياگاڭ-توققۇزتارا ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئالماشتۇرۇش تەتقىقات-ئۆگىنىش پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇلغان. خەۋەردە : «بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جاڭجياگاڭ شەھىرى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت گۇرۇپپىسى ‹ئانارنىڭ دانىلىرى بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇشنى كۈچەيتتى. جاڭجياگاڭ-توققۇزتارا ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئالماشتۇرۇش، تەتقىقات-ئۆگىنىش پائالىيىتى ئىككى جايدىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش سۇپىسى ھازىرلاپ بەردى.» دېيىلگەن.