ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇشقا شېرىك بولغۇچىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشى دىققەت قوزغىدى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور كۆلەملىك نازارەت ۋە تۇتقۇن قىلىش تەدبىرلىرىگە يېقىندىن ھەمدەم بولغۇچى «رېنۋېي ئېلېكترونلۇق ئەسۋابلىرى» شىركىتى يېقىندا ئامازون شىركىتى تەشكىللىگەن «يېڭىلىق ياراتقۇچىلار» تېمىسىدىكى كۆرگەزمە پائالىيىتىدە مۇكاپاتلانغان. بۇ ئەھۋال «بۇزفېد خەۋەرلىرى» دە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ھەر ساھەنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى.

«بۇزفېد خەۋەرلىرى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، باش شىتابى شاڭخەي شەھرىدىكى «رېنۋېي ئېلېكترونلۇق ئەسۋابلىرى» شىركىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرمە سىستېمىسىدا ئىشلىتىلىدىغان «ئەقلىي تۈرمە مەشغۇلات سىستېمسى» نى ئىشلەپ چىققان بولۇپ، بۇ سىستېما ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار ۋە تۈرمىلەردە ئومۇمىييۈزلۈك قوللىنىلىدىكەن. بۇ سىستېما ھەر بىر جىنايەتچىنىڭ نەگە مېڭىۋاتقانلىقىنى تەكشۈرەلەيدىغان بولۇپ، زۆرۈر بولسا ئۇلارنىڭ يۈرەك سوقۇشىغىچە نازارەت قىلالايدىكەن. مەزكۇر شىركەتنىڭ خادىملىرى ئەينى ۋاقىتتا بۇ سىستېمىنى تونۇشتۇرۇپ: «بۇ رەقەملىك تۈرمە مۇھىتى بەرپا قىلىش ھەمدە ئۇچۇر تېخنىكىسى ئارقىلىق تۈرمە باشقۇرۇشنى ئىلغارلاشتۇرۇشتا ئېلىنغان بىر مۇھىم قەدەم،» دېگەن.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇچۇر تېخنىكىسى ئارقىلىق تۈرمە باشقۇرۇش دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە مەۋجۇت بولسىمۇ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۈرمىگە قامالغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇرلار ئىكەن. شۇنداقلا رېنۋېي شىركىتىنىڭ بۇ مەھسۇلاتى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك كونترول قىلىش ھەمدە ساقچىلار قوشۇنىنىڭ ھەددىدىن زىيادە بولغان خىزمەت ۋەزىپىسىنى يەڭگىللىتىشتە مۇھىم رول ئوينايدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، رېنۋېي شىركىتى يېقىندا خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭمۇ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بولۇپ، مىنسىتىرلىك تەشكىللىگەن يىغىندا ئالاھىدە نامى ئاتىلىپ تەقدىرلەنگەن ئىكەن. ئەمدىلىكتە مۇشۇنداق بىر زۇلۇمغا شېرىك بولغۇچى شىركەتنىڭ ئامازون شىركىتى ساھىبخانلىق قىلغان پائالىيەتتە مۇكاپاتلىنىشى ھەر ساھەنىڭ ئوخشىمىغان سوئاللىرىغا دۇچ كەلمەكتە ئىكەن.