«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى 8-نويابىر كۈنى خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلاردا پەيدا قىلغان پسىخولوگىيەلىك بېسىمى خەۋەر قىلغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار شىنجاڭدا ئازاب-ئوقۇبەت تارتىۋاتقان ئائىلىلىرىنىڭ ئىزتىراپنى يېڭىشكە تىرىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ پسىخولوگىيەلىك مەسلىھەت سوراشتا مەدەنىيەت جەھەتتىكى توسقۇنلۇقلارنىمۇ يېڭىشكە توغرا كەلمەكتىكەن.
«ئىزتىراپنىڭ كۈندىلىك كۆلەڭگىسى: چەتئەلدە ھېس قىلىنغان خىتايدىكى باستۇرۇش» ماۋزۇلۇق خەۋەردە، خىتاينىڭ باستۇرۇشىنىڭ پسىخولوگىيەلىك تەسىرىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىدىكى روھىي ئىزتىراپ ۋە ئۇلارنىڭ بۇنى يېڭىش ئۈچۈن قانداق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋاتقانلىقى يورۇتۇپ بېرىلگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە باستۇرۇشنى كۈچەيتكەندىن بۇيانقى تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار بۇنىڭ ئىزتىراپىغا قارشى تەدبىرلەرنى كۈچەيتكەن. جامائەت رەھبەرلىرى، كەسپىي مەسلىھەتچىلەر، پىدائىيلار بۇ «ئاستا خاراكتېرلىك كرىزىس» كە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتكەن. ئامېرىكانىڭ ۋاشىنگتوندا شۇنداقلا بېلگىيە، گېرمانىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە كۆلىمى كىچىك بولسىمۇ، پسىخولوگىيەلىك مەسلىھەت بېرىش گۇرۇپپىلىرى قۇرۇلغان.
بىراق خەۋەردە يەنە مەدەنىيەت ئامىلى سەۋەبلىك بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ پسىخولوگىيەلىك مەسلىھەت سوراشتا ئىككىلىنىدىغانلىقى، ئاۋسترالىيەدىكى ئىجتىمائىي مۇلازىمەت خىزمەتچىسى نۇرگۈل ساۋۇتنىڭ بۇنىڭدا «بەزى كىشىلەر ھېسسىيات جەھەتتىن ئۆزىنى مەست قىلىدۇ ياكى ھېچقانداق ئىش بولمىغاندەك كۆرسىتىدۇ» دېگەنلىكى تەكىتلەنگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، غەيرىي رەسمىي راي سىناش نەتىجىلىرى چەتئەلدىكى نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ مەلۇم شەكىلدىكى روھىي زەخمىلىنىش، چۈشكۈنلۈك ياكى تەشۋىشلىنىشكە دۇچار بولغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
