ۋاشىنگتون، نيۇ-يورك ۋە بوستوندا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنى خاتىرىلەندى

1933-يىل ۋە 1944-يىل 12-نويابىر كۈنى قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى خاتىرىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكانىڭ ۋاشنگتون، نيۇ-يورك ۋە بوستون قاتارلىق شەھەرلىرىدە تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى.

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-ۋە 40-يىللىرىدا قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسى ۋە مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ ئۇلۇغ نەتىجىسى بولۇپ، تا بۈگۈنگىچە ئۇيغۇرلارغا مۇستەملىكىچىلىك زۇلۇملىرىغا تىز پۈكمەسلىكتەك مىللىي روھنى ئاتا قىلىپ كەلدى. پائالىيەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، بىر-بىرىنىڭ داۋامى بولغان بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش ۋە قەدىرلەش بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ زۇلۇمغا بىردەك قارشى تۇرۇش روھىنى كۈچەيتىدىكەن ھەمدە خىتاي مۇستەملىكىسىىدىن قۇتۇلۇپ، ئازادلىققا ئېرىشىش ئىرادىسىنى مۇستەھكەملەيدىكەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىرلىكتە باش شىتابى نيۇ-يوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىناسى ئالدىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىق كۈنىنى خاتىرىلىدى. پائالىيەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيۇ-يوركتىكى بىناسى ئالدىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى چىقىرىش مۇراسىمى كۈچلۈك سىمۋوللۇق ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، پۈتۈن دۇنياغا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىن، ھۆر ۋە مۇستەقىل ياشاش ئىرادىسىنى نامايان قىلىدىكەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ئۆتكەن يىلى جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەپ چوڭ پائالىيەت ئۆتكۈزگەنىدى، بۇ يىل كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن بۇنداق پائالىيەت ئۆتكۈزەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈن ۋاشنىگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

بوستوندىكى ئۇيغۇرلارمۇ بۈگۈن بوستون ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە بوستون شەھەر مەركىزىدە شەرقىي تۈركىستان دۆلەت ناخشىسى ئېيتىش ۋە شەرقىي تۈركىستان بايرىقىىنى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

بۇنىڭدىن باشقا، 12-نويابىر كۈنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىش، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقىنى چىقىرىش ۋە دۆلەت مارشى ئوقۇش، نۇتۇق سۆزلەش قاتارلىق ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلىدى.