ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى «ئىغۋا تارقاتتى» دەپ جازالانغان ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.07.26

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى توردا «ئىغۋا تارقاتتى» دەپ مەمۇرى تۇتۇپ تۇرۇش جازاسىغا بۇيرۇلغان كىشىلەرنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلاشقا چاقىردى.

خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» يېقىندا لۈكچۈن ۋەقەسىدىن كېيىن 72 كىشىنىڭ «توردا ئىغۋا تارقاتتى» دەپ تۇتقۇن قىلىنىپ، مەمۇرى تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بېرىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان. مەزكۇر گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، شىخەنزىدىن بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، قارىمايدىن 22 ياشلىق بىر قىز ۋە بۆرچىن ناھىيىسىدىن 29 ياشلىق بىر كۆچمەن ئىشچىغا مەمۇرى چارە كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن قالغان كىشىلەر ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيتوف «خىتاينىڭ لۈكچۈن ۋەقەسىدىن كېيىن كىشىلەرنى توردا تېررورلۇققا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى تارقاتتى، دەپ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشى، ئۇنىڭ ئۇچۇرنى قامال قىلىشنى كۈچەيتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ تۇتقۇنلارنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلىپ، «دۆلەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرى قاماققا بۇيرۇلغان شەخسلەر ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىشى، ئۇلارنىڭ مىللىتى، كونكرېت قاماق جازاسى ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر بېرىشى كېرەك» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.