مەمەت تۇرسۇن چوڭ ئىسپانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا بوكس مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى

ئاتاقلىق ئۇيغۇر بوكسچى مەمەت تۇرسۇن چوڭ 13‏-ماي كۈنى ئىسپانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا بوكس مۇسابىقىسىدە رەقىبىنى يېڭىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن. مەمەت تۇرسۇن چوڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قىسىم ئاتاقلىق ئۇيغۇر ناخشا، تەنتەربىيە چولپانلىرىنى، مۇزىكانت، يازغۇچى، ئەدىب ۋە زىيالىي، دىنىي ئۆلىمالىرىنى چەتئەلگە چىققانلىقى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىپ، «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا سولىغان ياكى قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلغان بىر مەزگىلدە ئىسپانىيەدىكى بۇ مۇسابىقىگە قاتناشقان ئىدى.

بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى ئىسپانىيە بوكس فېدېراتسىيەسى تەشكىللىگەن بولۇپ، مۇسابىقە سەرخىللەر، ياشلار، ئۆسمۈر ياشلار ۋە مەكتەپ يېشىدىكىلەر، دەپ گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن. مەمەت تۇرسۇن چوڭ سەرخىللەر گۇرۇپپىسىدا مۇسابىقىگە قاتناشقان ئىدى.

ئىسپانىيەنىڭ مۇرسىيا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىگە 15 دۆلەتنىڭ بوكس ئۆمىكى قاتناشقان. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەمەت تۇرسۇن چوڭ 69 كىلوگراملىقلارنىڭ مۇسابىقىسىدە 4 رەقىبىنى يېڭىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن. مۇسابىقىگە ئۇيغۇر رايونىدىن يەنە 22 ياشلىق توختاربېك تەلەتقان 75 كىلوگراملىقلارنىڭ مۇسابىقىسىگە قاتناشقان بولسىمۇ، بىراق 1‏-مەيداندىلا فىرانسىيەلىك رەقىبىگە يېڭىلىپ قالغان.

مەمەت تۇرسۇن چوڭ 2008-2012-يىللىرىدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، بوكس ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن. خىتاي بوكس ئەترىتىنىڭ ترېنېرى ئابدۇشۈكۈر مىجىت خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بەرگەن ئۇچۇرىدا، مەمەت تۇرسۇن چوڭنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن رەقىبلىرىنى يەڭگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. لېكىن، ئۇنىڭ چەتئەلگە چىقىپ، ئىسپانىيەدىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىشى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا ئەندىشە قوزغىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 2‏-ئايدا خىتاينىڭ جياڭسۇ سۇنىڭ كۇلۇبىدا پۇتبول ئوينايدىغان ئاتاقلىق ئۇيغۇر پوتبۇلچى ئىرفان ھېزىمجاننى تۇتقۇن قىلىپ، چۆچەكنىڭ دۆربىلجىن ناھىيەسىدىكى بىر «تەربىيەلەش لاگېرى» غا سولىغان. يەرلىك دائىرىلەر، ئۇنىڭ بۇ يىل 2‏-ئايدا ئاتا-ئانىسىنى يوقلاپ دۆربىلجىنگە بارغاندا چەتئەلگە چىققانلىقى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىگىلىشىمىزچە، ئۇ سۇنىڭ كوماندىسىغا بىلەن چەتئەلگە مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن بارغان ئىدى.