رۇسىيەنىڭ يېكاتېرىنبۇرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 20-نۆۋەتلىك خەلقئارا بوكس مۇسابىقىسىدە ئۇيغۇر ۋە قازاق ماھىرلار رەقىبلىرىنى يېڭىپ، 32 كۈچلۈك ماھىر قاتارىغا كىرگەن.
تاراتقۇلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر، قازاق ماھىرلىرىنىڭ 21-سېنتەبىر كۈنى ئاخىرلىشىدىغان مۇسابىقىدە زور نەتىجە قازىنىشىغا ئۈمىد بىلەن قارالماقتىكەن. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ئىككى ئۇيغۇر، ئىككى قازاق بولۇپ 4 بوكس ماھىرى قاتناشقان. ئۇنىڭدا مۇھەممەت تۇرسۇن چوڭ 69 كىلوگراملىقلار، توختاربېك تالاتقان 77 كىلوگراملىقلار، ئابدۇرېشىت رېھىمموللا 91 كىلوگراملىقلار، بايقۇزى دانابېك 91 كىلوگراملىقلاردىن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر تۈرلىرىدە مۇسابىقىگە چۈشكەن. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن ھەپتىدىكى مۇسابىقىلەردە توختاربېك تالاتقان 77 كىلوگراملىقلاردا شوتلاندىيەلىك رەقىبىنى، ئابدۇرېشىت رېھىمموللا بىلەن مۇھەممەت تۇرسۇن 91 ۋە 69 كىلوگراملىقلاردا مىسىرلىق رەقىبىنى يەڭگەن.
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە خىتايدىن 8 بوكسچى قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇر ۋە قازاقلار خىتاي بوكس كوماندىسىنىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلغان. خىتاي تاراتقۇلىرىدا بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا بوكس مۇسابىقىسىگە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ئەڭ كۆپ بوكسچى قاتناشقان مۇسابىقە بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، دۇنيانىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقان بىر مەزگىلدە 4 ماھىرنىڭ يۇقىرىقى ئۇتۇقنى قازىنىشى دىققەت قوزغىماقتا.
خىتايدىكى «سۇخۇ تورى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇھەممەت تۇرسۇن چوڭ 16-سېنتەبىر كۈنى ئولىمپىك چېمپىيونى، كۇبالىق بوكسچى جۇلىئۇ سېزار لاكرۇز بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدىكەن. 8-سېنتەبىر كۈنى باشلانغان بۇ نۆۋەتلىك بوكس مۇسابىقىسىگە 78 دۆلەت ۋە رايوندىن 450 تەك بوكسچى قاتناشماقتا.