خەلقئارا تاراتقۇلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز بېشىنى ئاغرىتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتىنى باستۇرۇشتا، رۇسىيەگە سادىق چېچەن ھۆكۈمىتىدىن ئۆرنەك ئېلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسىدا 13-دېكابىر سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان «خىتاي چېچەننىڭ تەجرىبىسى ئارقىلىق شىنجاڭنى باشقۇرماقچى» ماۋزۇلۇق خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، چېچىنىيەنىڭ رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىنغا سادىق پرېزىدېنتى قادىروف «چېچېنىيە بىخەتەرلىك خادىملىرى رادىكال قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش ۋە خەلقئارا تېررورىزمغا زەربە بېرىش تەجرىبىلىرى خۇلاسىلەنگەن ماتېرىياللارنى خىتايدىكى كەسىپداشلارغا تاپشۇرۇپ بەردى» دېگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بارغانچە كۈچىيىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشتا «چېچەن ھۆكۈمىتىدىن ئۆرنەك ئېلىۋاتقانلىقى»نى ئىلگىرى سۈرگەن.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، چېچەن پرېزىدېنتى رامىزان قادىروف سۆزىدە يەنە، چېچەنىيە بىخەتەرلىك خادىملىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر ئۆمەكنىڭ يېقىندا ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولغانلىقىنى، مەزكۇر زىيارەت جەريانىدا چېچىنىيە ۋە خىتاي تەرەپ بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاش مەسىلىسىدە ئۆز-ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرغانلىقىنى ئېيتقان.
مەلۇم بولۇشىچە، 90-يىللارنىڭ بېشىدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغان مەزگىللەردە، چېچەنىيەدىكى مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرىمۇ چېچەنىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلىپ رۇسىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى قوراللىق ھەرىكەتلەرنى قىلغان. ئەمما رۇسىيە مۇھىم ئېنېرگىيە مەنبەسى بولغان چېچەنىيەنىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى بارلىق ئىمكانىيەتلەر بىلەن توسقان. بىرقانچە يىللىق قوراللىق توقۇنۇشلاردىن كېيىن، چېچەنىيەدە رۇسىيەگە مايىل ئاپتونومىيىلىك ھۆكۈمەت قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان. ئەمما چېچەنىيەدىكى رۇسىيەگە قارشى تەرەپدارلار مەزكۇر ھۆكۈمەتنى قورچاق ھۆكۈمەت دەپ ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلاپ، ھەرىكەتلىرىگە داۋام قىلغان.