ئۇيغۇر دىيارىنىڭ چېگرا رايونلىرىدىكى ئاھالىلەر كۆچۈرۈلمەكتىكەن

مۇخبىرىمىز سادا
2019-07-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنى ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نامىدا باشقا جايلارغا يۆتكەۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان پەيتتە تاغلىق چېگرا رايونلاردىكى يەرلىك ئاھالىلەرمۇ ئاتالمىش «بىخەتەر ئۆي» لەرگە كۆچۈرۈلمەكتىكەن.

شىنخۇا تورىنىڭ 5-ئىيۇلدىكى مۇناسىۋەتلىك خەۋىرىگە قارىغاندا، تاشقورغان ناھىيەسىنىڭ چېگرا بويلىرىدىكى يەرلىك ئاھالىلەر تۈزلەڭلىك رايونلىرىغا كۆچۈرۈلۈشكە باشلىغان. ئاساسىي نوپۇسى تاجىكلاردىن تەشكىل تاپقان تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ چېگرا بويلىرىدىكى بۇ جايلار تاجىكىستان، ئافغانىستان ۋە پاكىستان قاتارلىق ئۈچ دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدىكەن.

خەۋەردە بۇ يەرنىڭ ناھىيە بازىرىغا بەك يىراق بىر تاغلىق رايون ئىكەنلىكى، يەرلىك ئاھالىنىڭ ئاساسلىقى چارۋا بېقىش ئارقىلىق تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقى، شۇ سەۋەبلىك بۇ جايدا ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» تىكى «مۇستەھكەم ئىستىھكام ئۇرۇشى» نىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

خەۋەردە يەنە بۇ «ئۇرۇش» نىڭ پامىر ئېگىزلىكىگىچە كېڭەيگەنلىكى قەيت قىلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، 2017-يىلىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى تاشقورغان ناھىيە بازىرىدىن 25 كىلومېتىر كېلىدىغان چۆل-باياۋانغا بىنا ئۆيدىن 385 يۈرۈشنى سالغان بولۇپ، يەرلىك ئاھالىنى پۈتۈنلەي ئاشۇ «بىخەتەر ئۆي» لەرگە يۆتكىمەكتە ئىكەن.

خەۋەردە يەنە مارياڭ يېزىسى، داتۇڭ يېزىسى ۋە ۋەچە يېزىسى قاتارلىق بەش يېزىنىڭمۇ «نامرات تاغلىق رايون» كاتېگورىيەسىگە كىرىدىغانلىقى، بۇ يەردىكى 1400 دىن ئارتۇق «نامرات چارۋىچى» نىڭمۇ يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگەن ئاتالمىش «بىخەتەر ئۆي» لەرگە كۆچۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان ئانالىزچىلار «روشەنكى بۇ تاجىكلارنى تېز سۈرئەتتە ئۆزلىرىنىڭ ياشاش ماكانىدىن ئايرىپ، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنىڭ يەنە بىر ئۇسۇلى،» دېيىشمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت