پوسكامدا 65 دېھقان ئەلنەغمىچى «مەدەنىيەت ۋارىسلىقى» ئۈچۈن تەربىيىلىنىشكە يىغىۋېلىنغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.08.17

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرچە ئىستىقلال تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پوسكام ناھىيىسىدە مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنى ناھىيەدىكى 65 نەپەر ئەلنەغمىچى«غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت ۋارىسلىرىنى تەربىيىلەش» نامى ئاستىدا يىغىۋېلىنغان.

مەزكۇر خەۋەر تورىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە توپلىۋېلىنغان بۇ ئەلنەغمىچىلەرگە راۋاب، غىجەك قاتارلىق مۇزىكىلارنى چېلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن مەخسۇس مۇزىكا ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلغان.

تەڭرىتاغنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە مەزكۇر كۇرسنىڭ 27-ئاۋغۇستقا قەدەر 12 كۈن داۋام قىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. ئىستىقلال تورىنىڭ خەۋىرىدە مەزكۇر كۇرس رايوندىكى سىياسىي تەشۋىقاتنىڭ بىر پارچىسى دەپ بايان قىلىنغان.

رادىيومىز مۇخبىرى ئىلگىرى ئاقسۇدىكى بىر كەنت سېكرىتارىدىن ئەھۋال ئىگىلىگەن چېغىدا، ئۆزلىرىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تازىلاش ئۈچۈن كىشىلەرنى نەغمە-ناۋاغا قىززىقتۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە تەشكىللەۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.