ئەنگلىيە ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردىكى يەھۇدىيلار بىرلەشمىسىنىڭ باش راببايى ئافرايىم مىرۋىس يېقىندا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زور پاجىئەنى ئەيىبلەپ، دۇنيا جامائىتىنى ئۇيغۇرلارنى قوللاشقا چاقىردى.
ئۇ «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ 15-دېكابىر سانىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ئوچۇق خېتىدە ئۆزىنىڭ ئەنگلىيەدىكى پائالىيەتچى رەھىمە مەھمۇتتىن ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردە قانداق باستۇرۇشلارغا ھەمدە زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش، تۈرمىلەرگە قامىلىش ھەمدە بالىلىرىدىن جۇدا بولۇشتەك ھادىسىلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە تېخى 70 يىللارنىڭ ئالدىدا يەھۇدىيلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەر ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ «بۇ پاجىئەلەردىن يۈرىكىم زېدىلىنىپ، سۈكۈت قىلغۇدەك يېرىم قالمىدى» دېگەن.
ئۇ ئوچۇق مەكتۇپتا ئەنگلىيەدىكى ۋە باشقا جايلاردىكى بارلىق يەھۇدىيلارنى بۇ خىل ۋەھشىيلىكلەرنى كەسكىن ئەيىبلەش ھەمدە دۇنياۋى ئۆزگىرىش پەيدا قىلىشقا بىر كىشىلىك كۈچ چىقىرىشقا، ھۆكۈمەتلەرگە بۇ ھەقتە تەلەپ قويۇشقا دەۋەت قىلغان. ئۇ «ئەركىنلىك جەڭچىسى» دەپ تەرىپلىنىدىغان نېلسون ماندېلانىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ «كۆپ ئىشلار ئەمەلگە ئاشقۇچە مۇمكىن بولمايدۇ، دەپ قارالغان» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، باش رابباي ئافرايىم مىرۋىس يەھۇدىيلار دۇنياسىنىڭ ئەڭ ئالىي دىنىي رەھبەرلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەنگلىيە ئىتتىپاقىغا ئەزا 54 دۆلەتتە غايەت زور تەسىرگە ئىگە ئىكەن.