مالالا فوندى تورى: «ئۇيغۇر قىزلىرى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئۇنتۇلۇپ كېتىلمەسلىكى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021.06.17

نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى، مائارىپ پائالىيەتچىسى مالالا نامىدىكى فوندى جەمئىيەت ئۆزىنىڭ تور بېتىدە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇم ۋە بۇ زۇلۇمغا قارشى پائالىيەت قىلىۋاتقان 3 نەپەر ئۇيغۇر قىزى تونۇشتۇرۇلغان.

«ئۇيغۇر قىزلىرى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئۇنتۇپ قېلىنماسلىقى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا» ماۋزۇلۇق ماقالىدە كانادادىكى 15 ياشلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى مەھلىيا چېتىنكايا، بەرنا ئىلچى ۋە گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى شاھنۇرە قاسىملارنىڭ ھېكايىسى تونۇشتۇرۇلغان.

ماقالىدە مۇنۇلار بايان قىلىنغان: «ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن مۇسۇلمان مىللەت، خىتايلار تەخمىنەن 90 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغان بىر دۆلەتتە ئۇيغۇرلار دائىم ئانا تىلىدا سۆزلەش، ئۆز مەدەنىيىتىدە ياشاش ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىش سەۋەبىدىن كەمسىتىشكە دۇچ كەلمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ۋەزىيەت تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كەتكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ‹ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش› ۋە ‹كەسپىي تەربىيەلەش› دېگەن نام ئاستىدا لاگېرلاردا بىر مىليوندىن ئۈچ مىليونغىچە ئۇيغۇرنى قاماپ قويغان.»

ماقالىدە بۇ ئۈچ ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆز مىللىتىگە كەلگەن بۇ كۈلپەتنى باشقىلارغا ئاڭلىتىش ۋە ئۆزلىرىنىڭ ھەرىكىتى ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقى، كىشىلەرنى يەرلىك ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشەببۇسىنى قوللاشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ ساداسىنى كۈچەيتىشكە، ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى بىلەن ئالاقىلىشىشقا ۋە كرىزىسقا ئائىت ئۇچۇرلارنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەمبەھىرلەشكە ئىلھاملاندۇرىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ماقالىدە يەنە بۇ قىزلارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى توختىتىش ئۈچۈن ئىستېمالچىلارنى سېتىۋېلىش كۈچىدىن پايدىللىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان ماركىلارنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرغانلىقى ۋە شۇنداقلا بۇ ئۈچ قىز ئوقۇچىغا ئوخشاش چەت ئەللەردىكى باشقا نۇرغۇن ياش ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەم ياخشى ئوقۇپ، ھەم ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى يورۇتۇپ بېرىلگەن.

ماقالىدا مۇنداق دېيىلگەن: «بەرنا كەلگۈسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى قورقماستىن زىيارەت قىلالايدىغان بولۇشىنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. . . بولۇپمۇ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ ئەمدى ھەرگىز يۇرتىغا قايتالماسلىقىدىن قورقىدۇ. . . شاھنۇرە تېخىمۇ كۆپ ھۆكۈمەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. . . مەھلىيا ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ خەلقى ئۈچۈن ئېلىپ بارىدىغان كۈرەش پىلانى ئۇزۇن مۇددەتلىك بولۇپ، ئۇ: ‹مەن پۈتكۈل ھاياتىمنى ئەركىنلىكىمىزگە بېغىشلايمەن، مەن بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ ئوقۇغۇچىلار كەلگۈسىدە كۆرۈدىغان تارىخ كىتابلىرىغا يېزىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىمەن. ئۇنىڭ ئۇنتۇلۇپ كېتىشىگە يول قويمايمەن› دېدى.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.