ئۇيغۇر دىنىي ئۆلىمالىرى خىتاينىڭ دىنىي تەشۋىقاتلىرىغا «قورال» قىلىنماقتا
2022.07.29
خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە بارغانسېرى يۇقۇرى پەللىگە ئېلىپ چىقىۋاتقان «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» شۇئارى تۈرلۈك شەكىللەردە ئىجرا قىلىنىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا بۇنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر دىنىي ئۆلىمالار ۋە ئىماملارنىڭ ئاغزىدىن بايان قىلىش تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بارغان.
خىتاي باشقۇرىشىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 29-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارى بويىچە «شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى زىيارەت قىلغاندىكى سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش» دولقۇنى ئەۋج ئالغان بولۇپ، دىنىي ساھەمۇ بۇنىڭدىن چەتتە قالمىغان. بۇنىڭدا «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» نىڭ مۇھىملىقى مەركىزىي تېما بولغان. ئۈرۈمچى نوغاي مەسچىتىنىڭ ئىمامى مۆھتىرەم شېرىپ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «ھازىر شىنجاڭدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئۆتمۈشتىكى ھېچقانداق بىر دەۋر بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. بىز باش سېكرېتارنىڭ تەلىپىنى مەھكەم ئەستە ساقلاپ، دىن بىلەن سوتسىيالىزىمنى ماسلاشتۇرۇشقا، شۇنىڭدەك ھەر ساھە ئاممىسىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز،» دېگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى دىنىي سىياسەتلىرىنى ئاقلاش مەزمۇنىدا مەخسۇس سۆز قىلغان كىشىلەرنىڭ يەنە بىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، ئىسلام ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇرەقىپ تۆمۈرنىياز بولۇپ، ئۇ: «پارتىيەمىز ھازىر ئىسلام دىنىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا زور دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ. بىز دىنىي ئوقۇتۇش سېپىدە مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەپ، باش سېكرېتارنىڭ ئۈمىدىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرىمىز،» دېگەن.
ھالبۇكى، مۇھاجىرەتتىكى دىنىي ئالىملار ئاتىئىزىمنى ئاساس قىلغان سوتسىيالىزىم بىلەن ئىسلام دىنىنىڭ بىر يەرگە كەلمەيدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن ئىدى. «زېمىستان» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ماركو رېسپېنتى (Marco Respinti) ئۆزىنىڭ يېقىنقى ئوبزور ماقالىسىدە، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ‹ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش› دېگىنى ماھىيەتتە ئىسلام دىنىنى پۈتۈنلەي يوقىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس،» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.