چېن چۋەنگو ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەسچىت ۋە دىنىي پائالىيەتلەرنى قاتتىق باشقۇرۇشنى تەلەپ قىلغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016-10-03
Share

ئىگىلىنىشىچە، 2-ئۆكتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر مەسچىت ۋە دىنىي پائالىيەتلەرنى باشقۇرۇش خىزمىتى بويىچە مەخسۇس يىغىن ئاچقان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر يىغىندا چېن چۋەنگو سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مەسچىت ۋە دىنىي پائالىيەتلەرنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ھەققىدە كۆرسەتمە بەرگەن.

يىغىندا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ مەسچىت ۋە دىنىي پائالىيەتلەرنى قاتتىق باشقۇرۇش بويىچە يېڭى سىستېما يارىتىشى تەكىتلەنگەن شۇنداقلا دىن بىلەن سوتسىيالىزم جەمئىيىتىنى ماسلاشتۇرۇش تەلەپ قىلىنغان.

يىغىندا يەنە ئاتالمىش «ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار» نىڭ تۇرمۇش شارائىتى، دىنىي خىزمەت شارائىتى، داۋالىنىش ۋە سۇغۇرتا شارائىتى شۇنداقلا ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە زور كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش تەكىتلەنگەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن «مىللەتلەر ئىتتىپاقى بويىچە نەمۇنىلىك شەخس ۋە كوللېكتىپ»، «بەشتە ياخشى مەسچىت» ۋە «بەشتە ياخشى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات» لارنى تاللاپ چىقىپ، ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى تەمىناتىدىن بەھرىمەن قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

كۆزەتكۈچىلەر، دائىرىلەرنىڭ بۇ خىل چەكتىن ئاشقان كونتروللۇقى ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلقنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا كۈچلۈك بېسىم پەيدا قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئىسلام دىنىنىڭ ئۆزىگە خاس قائىدە-پرىنسىپلىرىغىمۇ دەخلى-تەرۇز ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ قارىماقتا.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت