خىتايدىن 200 مىڭ دوللار ئېلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ب د ت مۇتەخەسسىسى، ئۇيغۇر دىيارىغا قارىتىلغان ئېمبارگونى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان
ب د ت نىڭ بېلورۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسى ئالېنا دوخان 17-ماي كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىغا يۈرگۈزگەن ئېمبارگوسىنى بىكار قىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
-
ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024-05-20 -
-
-
ب د ت نىڭ بېلورۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسى ئالېنا دوخان 17-ماي كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىغا يۈرگۈزگەن ئېمبارگوسىنى بىكار قىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 2022-يىلى جەنۋەدە تۇرۇشلۇق بىر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن خىتاينىڭ 200 مىڭ دوللار پۇلىنى ئېلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئالېنا دوخاننىڭ كۆرسىتىشىچە، دۆلەتلەر يەنە ئۆز تەۋەلىكىدىكى شىركەت ۋە سودا ئورۇنلىرىنىڭ بۇ خىل ئېمبارگو قارارلىرىغا ئەمەل قىلىشىنى توسۇش ئۈچۈن كۈچلۈك تەدبىرلەرنى ئېلىشى كېرەك ئىكەن. ئالېنا دوخاننىڭ تېخى يېقىندىلا ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق 26 شىركىتىنى چەكلەش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشىنىڭ ئارقىسىدىنلا بۇ باياناتتا بولۇشى دىققەت قوزغىماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، ئالېنا دوخان يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسىتى بىلەن خىتايدا، جۈملىدىن ئۇيغۇر دىيارىدا 12 كۈنلۈك تەكشۈرۈشتە بولغان. خەۋەرلەردە، ئۇنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىنى بۇ يىل 9-ئايدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە سۇنىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.
ئالېنا دوخان 17-ماي كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، «خىتاينىڭ بىر تەرەپلىمىلىك ئېمبارگو تەسىرى ھەم ئېمبارگونى ئىجرا قىلىش ۋاسىتىلىرىدە ئالاھىدە ئۆرنەك» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ:«بۇنىڭدا شىنجاڭنىڭ ئۇچرىغان تەسىرى ئالاھىدە ئېغىر، بۇ رايونغا چېتىشلىق سودا ۋە ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرى بىلەن ئالاقە قۇرۇشنىڭ بىرىنچى ياكى ئىككىنچى دەرىجىلىك ئېمبارگوغا ئۇچراش ئەندىشىسى، ھالقىلىق سودا ھەم ئىشلەپچىقىرىش ساھەلىرىنىڭ بۇ رايون بىلەن بولغان ئالاقىسىگە كاشىلا قىلماقتا» دېگەن. ھالبۇكى، جەنۋەدە تۇرۇشلۇق ب د ت نى كۆزىتىش تەشكىلاتى 2022-يىلى 5-ئايدا ئېلان قىلغان بىر باياناتتا، ئالېنا دوخاننىڭ 2021-يىلى خىتايدىن 200 مىڭ دوللار سۆيۈنچە ئېلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى ئاقلاشقا كىرىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەينى ۋاقىتتا مەزكۇر تەشكىلات دوخاننىڭ «ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئېتنىك تازىلاشنى ئاقلاش ئۈچۈن خىتايدىن ئالغان 200 مىڭ دوللارنى قايتۇرۇشى» نى تەلەپ قىلغان. ب د ت نى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالېنا دوخان 2021-يىلى 9-ئايدا بېيجىڭنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن «شىنجاڭ ياخشى ماكان» ناملىق تور تەشۋىقات پائالىيىتىگىمۇ قاتناشقانىكەن.