خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يېزا-كەنتلىرىدە ئۇنىۋېرسال تەمىنلەش مۇلازىمەت كوپىراتىپلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە مۇلازىمەت قىلىش سالمىقىنى كېڭەيتمەكتە. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەمىنلەش ھەمكارلىق كوپىراتىپى بۇ يىل ئۇيغۇر دىيارىدا 500 كەنت دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال تەمىنلەش مۇلازىمەت كوپىراتىپى قۇرۇشنى قارار قىلغان بولۇپ، رايوندا ھازىر بار بولغان 120 دەك ئۇنىۋېرسال تەمىنلەش مۇلازىمەت كوپىراتىپىنى ئۆزگەرتىش ۋە سەرخىللاشتۇرۇش بۇ پىلاننىڭ بىر پارچىسى ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ «دېھقانلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسىنى مۇستەھكەملەش» نى مەقسەت قىلغانلىقى قەيت قىلىنسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن رايونغا يۆتكەپ كېلىنىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىگە مۇلازىمەت قىلىش سالمىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى نىشان قىلغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.
خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدا، نۇرغۇن ئۇيغۇر يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرى تارتىۋېلىنغان. مۇستەقىل ئىگىلىكتىن مەھرۇم قىلىنغان دېھقانلار خىتاي كارخانىلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇلغان ئىدى. يېقىندا رادىيومىز ئۇيغۇر دېھقانلىرىدىن تارتىۋېلىنغان يەرلەرنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىگە «كىم ئاشتى» بازىرىدا تالاشتۇرۇپ ساتقانلىقىنى دەلىللىگەن ئىدى.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 18-مارت كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەمىنلەش ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ «ئاساسىي قاتلام ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇش ۋە يېزا دەرىجىلىك تەمىنلەش ۋە سېتىش ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ھەمكارلىق كوپىراتىپى بەرپا قىلىش ئارقىلىق دېھقانلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئۇنىۋېرسال سۇپىلىرىنى مۇستەھكەملىمەكچى» بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
قەيت قىلىنىشىچە، بۇ قۇرۇلۇش «مىڭ ناھىيەدىكى مىڭ ھەمكارلىق مۇلازىمەت كوپىراتىپىنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاش ھەرىكىتى» نىڭ بىر پارچىسى ئىكەن. خەۋەردە، بۇ خىل ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ شەھەر-بازارلاردىكى ئىش باشقارمىسى، ئاھالىلەر كومىتېتلىرى ۋە ئىجتىمائىي رايونلاردىمۇ تەسىس قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش سالمىقىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەپ كېلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، بۇ خىل تەمىنلەش ھەمكارلىق مۇلازىمەت كوپىراتىپلىرىنىڭ شۇ كۆچمەنلەرگە خىزمەت قىلىشنى نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈلمەكتە.
