15-ئاپرېل كۈنى ئۇيغۇر دىيارىدا «دۆلەت بىخەتەرلىك تەربىيەسى كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن كەڭ كۆلەملىك ئاممىۋى دۆلەت بىخەتەرلىك تەربىيەسى تەشۋىقات ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغان. ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن، مەزكۇر تەشۋىقات ھەرىكىتىنىڭ رايوندىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن تارتىپ ھەر قايسى يېزا-كەنتلەرگىچە جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىدا كەڭ قانات يايدۇرۇلۇپ، رايوندا «ئورتاق دۆلەت بىخەتەرلىك مۇداپىئە لىنىيەسى» قۇرۇپ چىقىش تەلەپ قىلىنغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. خىتاينىڭ رايوندىكى «دۆلەت بىخەتەرلىك تەربىيەسى كۈنى» تەشۋىقات ھەرىكىتى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يېقىندا يىغىن چاقىرىپ، «شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەردىكى مەخپىيەتلىكنى ساقلاش» نىڭ ئەڭ مۇھىم مۇقىملىق ئامىللىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىشىنىڭ ئارقىسىدىنلا يېتىپ كەلگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەردىكى مەخپىيەتلىكنى ساقلاش» چاقىرىقى، خەلقئارادا خىتاينىڭ ئۇيغۇر «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى جاۋابكارلىققا تارتىش چۇقانلىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى.
ئۇيغۇر دىيارىدىكى بۇ يىللىق «دۆلەت بىخەتەرلىك تەربىيەسى كۈنى» خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «ئومۇميۈزلۈك دۆلەت بىخەتەرلىك ئۇقۇمى» نى ئوتتۇرىغا قويۇشىنىڭ 10 يىللىقىغا توغرا كەلدى. شى جىنپىڭ 2014-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان بۇ ئۇقۇم دۆلەت بىخەتەرلىك چۈشەنچىسىنى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە سىڭىپ كەتكەن ئاچقۇچلۇق ئەندىزىگە ئايلاندۇرغان. بۇ خىل بىخەتەرلىك ئەندىزىسىنىڭ «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسى» دە ئەڭ روشەن ئەكس ئەتكەنلىكى ۋە 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنغا يول ئېچىشنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، خوتەندىن تارتىپ ئىلى ئوبلاستىغىچە بولغان كەڭ رايونلىرىدا قانات يايدۇرۇلغان «دۆلەت بىخەتەرلىك تەربىيەسى» تەشۋىقات ھەرىكىتىنىڭ «ئومۇمىي دۆلەت بىخەتەرلىك ئۇقۇمىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، كىشىلەر قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتىشى، بىخلىنىشى ۋە ئورتاق دۆلەت بىخەتەرلىك مۇداپىئە لىنىيەسى قۇرۇشى» نى ئالغا سۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
