خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» ۋە «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 25-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا بۇ يىل يېڭىدىن يارىتىلغان 500 مىڭ كىشىلىككە يېقىن خىزمەت ئورنى كۆپ تەرەپلىمە تىرىشچانلىقنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، بۇلار ماھىيەتتە مۇقىم كىرىمنىڭ ئېشىشى ۋە ئىستېمال ئارزۇسىنىڭ قېنىشىغا يول ئاچقان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇنچە زور ساندىكى يېڭى خىزمەت ئورنىنىڭ يارىتىلىشى يېقىندا ئاياغلاشقان «مەركەز ئىقتىسادىي خىزمەت يىغىنى» نىڭ روھىغا پۈتۈنلەي ئۇيغۇن بولۇپ، «شىنجاڭدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ ئەمگەك ئارقىلىق باياشاتلىققا يۈزلىنىش» يولىنىڭ مىسالى ئىكەن. خەۋەردە بۇ خىل زور كۆلەملىك ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى نۇقتىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئىشقا ئاشقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى 2023-يىلى نويابىرغىچە قەدەر مۇشۇ يوسۇندا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سانىنىڭ 456 مىڭ كىشىگە يەتكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. پىچان ناھىيەسىنىڭ لەمجىن يېزىسىدىكى دېھقان ياشلاردىن نىيازئەلى ئەھمەد بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «ھازىرمەن پار قازان ئىسسىتىش كەسپى بويىچە تەربىيەلىنىۋاتىمەن. رەسمىي ھالدا ئىشقا چۈشكەندىن كېيىن ئايلىق مائاشىم سەككىز مىڭ سوم بولىدۇ» دېگەن.
ھالبۇكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئېلان قىلغان مۇناسىۋەتلىك دوكلاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنغان لاگېر مەھبۇسلىرى تۈرلۈك «تەربىيەلەش» باسقۇچلىرىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ھەرقايسى زاۋۇتلارغا ئەرزان باھالىق «زامانىۋى قۇللار» قاتارىدا ئىشچىلىققا ئەۋەتىلىشكە باشلىغان. لاگېرلار مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان دوكتور ئادرىيان زېنزنىڭ بۇ ھەقتىكى ماقالىلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل تۈردە «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نامىدا يېزا ياشلىرىنى «يەردىن ۋاز كېچىپ زاۋۇتلارغا ئىشچى بولۇش» قا رىغبەتلەندۈرگەن. شۇنداقلا دېھقانلارنىڭ ھۆددىگە ئالغان تېرىلغۇ يەرلىرىنى بىر-بىرلەپ يىغىۋېلىپ، خىتاي ئاققۇنلىرىغا كۆتۈرىگە بېرىشنى باشلىۋەتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر يىل ئىچىدىلا يېرىم مىليونغا يېقىن كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەققىدىكى بۇ خەۋىرىمۇ دەل مۇشۇ سەۋەبتىن كۆپلىگەن گۇمانلارغا ۋە غۇلغۇلىغا سەۋەب بولماقتا.
