ئۇيغۇر دىيارىدا بىر كىشى قۇش زۇكىمىدىن ئۆلگەن

خىتايدا قۇش زۇكىمى ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە داۋاملىق خەۋەر قىلىنىۋاتقاندا، ئۇيغۇر دىيارىدا بىر كىشىنىڭ مەزكۇر ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلىكى رەسمى بىلدۈرۈلگەن.

رادىئومىز خىتاي تىلى بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى 7-ئىيۇل كۈنى 35 ياشلىق بىر كىشىنىڭ ئۆتكەن ئاينىڭ 23-كۈنى قۇش زۇكىمى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى ۋە بىر ھەپتىدىن كېيىن، يەنى 30-ئىيۇن كۈنى ئۆلگەنلىكى، ئۇنىڭغا بېكىتىلگەن دىئاگنوزنىڭ قۇش زۇكىمى، يەنى «ھ7ن9» ناملىق ۋىرۇس ئىكەنلىكىنى رەسىمى ئاشكارىلىغان. مەزكۇر كىشى بازاردا توخۇ ئۆلتۈرۈپ سېتىش سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.خىتاي سەھىيە تارماقلىرى 6-ئايدا خىتايدا بۇ خىل ۋىرۇس بىلەن 10 ئادەم يۇقۇملىنىپ، ئىككى كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئۇيغۇر دىيارىدا قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇرلار يوق، ئەمما بۇ قېتىم ئۇيغۇر رايونىدا بىر كىشىنىڭ مەزكۇر ۋىرۇستىن ئۆلۈشىدىن، بۇ رايوندا مۇنداق كېسەللىك ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش چارىلىرىنىڭ جىددىي كۈن تەرتىپتە بولۇشى لازىملىقى بىلدۈرۈلمەكتە.