نيۇ-يوركتىكى روچېستىر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-11-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكادىكى كۆپلىگەن ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان لاگېر تۈزۈمى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە دوكلات بېرىلمەكتە.

بۇلاردىن بىرى، 24-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى روچېستىر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مەزكۇر يىغىندا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمسىدىن ۋە پائالىيەتچى نۇر ئىمان قاتارلىقلار دوكلات بەرگەن.

روچېستىر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ خەۋەرلىرى تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلات بېرىش يىغىنىنى مەكتەپتىكى «جۇمھۇرىيەتچى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى» ناملىق ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىللىگەن ئىكەن.

زۇبەيرە خانىم يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا ئىرقىي كەمسىتىش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنى كىملىكىنى چەكلەش، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ئىزنالىرىنى ۋەيران قىلىش، 2 مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنى لاگېرغا قاماشتەك قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن. نۇرئىمان قاتارلىقلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ 2017-يىلىدىن بېرى ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەنلىكتىن تولىمۇ ئېغىر روھىي بېسىم ئاستىدا قالغانلىقىنى بايان قىلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، دوكلات بېرىش يىغىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار بىردەك ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمە قىلىپ بېرەلەيدىغانلىقىنى، بۇ كىرىزىسنى توختىتىش ئۈچۈن قانداق ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە سوئاللارنى سورىغان ئىكەن.

ئوقۇغۇچىلاردىن بەزىلىرى مەكتەپ گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە: «ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنى ئاڭلاپ باقمىغانلىقىنى ئەمما بۈگۈن بۇ يەردە ئاڭلىغانلىرىنى باشقىلارغىمۇ يەتكۈزۈپ بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ تونۇشىنى ئۆستۈرۈشكە تىرىشىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت