دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى: «دوپپا ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيەت كىملىكىنىڭ مۇھىم بەلگىسى»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-05-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 5‏-ماي كۈنى تۋېتېردا بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپا بايرىمىنى تەبرىكلىگەن.

باياناتتا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر يىلى 5‏-ماي كۈنى دوپپا بايرىمىنى تەبرىكلەپ كېلىۋاتقانلىقى، دوپپا ئۇيغۇرلارنىڭ باش كىيىمى بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ يەنە «ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيەت كىملىكىنىڭ مۇھىم بىر بەلگىسى» ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

دوپپا بايرىمى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە 2009‏-يىلى يۈز بەرگەن 5‏-ئىيۇل «ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن، 2010‏-يىلدىن كېيىن رەسمىي تەبرىكلىنىشكە باشلىغان. ئەينى چاغدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 14‏-ئوتتۇرا مەكتەپ دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ئىچىدە دوپپا كىيىشىنى چەكلىشى قاتتىق نارازىلىق قوزغاپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە دوپپىغا بولغان قىزغىنلىقنىڭ قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، دوپپا بايرىمى بىر مەزگىل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا تەشۋىق قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن بۈگۈنكى كۈندە دوپپا بايرىمى چەكلەنگەن، مەكتەپ قاتارلىق ئورۇنلاردا دوپپا كىيىش مەنئى قىلىنغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتىدا، دوپپىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ مۇھىم قىسمى ئىكەنلىكى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ بىلەن ئەر-ئايال ۋە يۇرتلارنىڭ پەرقلەندۈرىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇنىڭ يەنە بىر خىل «سەنئەت ئەنئەنىسىنى ئىپادىلەيدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «5‏-ماي دوپپا بايرىمى ئۇيغۇر مەدەنىيەت كىملىكىنى تەبرىكلەشنىڭ مۇھىم نامايەندىسى بولۇش بىلەن بىرگە، بۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاددىي مەدەنىيەت ئىپادىلىرىنىڭ شىددەتلىك يوقىتىلىۋاتقانلىقىنى نامايان قىلىدۇ».

خىتاي 2017‏-يىلى 2‏-ئايدا ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، جازا لاگېرلىرىغا قاماشقا باشلىغاندىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل بايرام ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى تەبرىكلىشىگە بىردەك چەكلىمىلەر قويغان، ئۇنىڭ ئورنىغا بولسا خىتاي مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى دەسسىتىشكە باشلىغان ئىدى.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دائىرىلەر دەل دوپپا بايرىمى كۈنى قەشقەر يېڭى شەھەر، كورلا قاتارلىق جايلاردا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ چىپاۋ كىيىش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن. «خىتايدىكى «جۇڭگو خەۋەرلەر تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، دائىرىلەر 5‏-ماي كۈنى 100 دەك ئايالغا چىپاۋ كىيدۈرۈپ، قولىدا كۈنلۈك بىلەن كۆنچى دەرياسى بويىدىكى ساياھەت رايونىدا ماڭدۇرغان. قەشقەرنىڭ يېڭى شەھەر ناھىيەسىدە بولسا يېزىلار ئارىسىدا چىپاۋ كىيىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن.

تولۇق بەت