خىتاي خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2023-يىللىق خىزمەت دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتى «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى تۇرغۇزۇش» دەپ ئاتاۋاتقان، ئەمما چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى تەرىپىدىن خىتايلاشتۇرۇش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى دەپ قارىلىۋاتقان خىزمەتلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى نۇقتىلىق گەۋدىلەنگەن.
2023-يىلىدىكى خىزمەتلەرگە ئائىت دوكلاتنىڭ تولۇق تېكىستى خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورىدا 13-فېۋرال كۈنى ئېلان قىلىنغان. بۇ دوكلاتتا دېيىلىشىچە، 2023-يىلىدا ئۇيغۇر ئېلىدا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەلىپى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، كۆپ خىل شەكىللىك ‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيەتلىرى كەڭ قانات يايدۇرۇلغان. ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بېرىش-كېلىش قىلىش، ناخشا-مۇزىكا ئورۇنلاش، جەم بولۇش-مۇڭدىشىش داۋامىدا چوڭقۇر ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇنغان. »
سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بۇ دوكلاتنى ئوقۇپ ئۆتكەن، سىياسىي كېڭەش رەئىسى، قازاق مىللىتىدىن بولغان نۇرلان ئەبىلمەجىن مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، ھەر مىللەتنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكى ۋە جۇڭخۇا روھىنىڭ مۇستەھكەملەنگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
دوكلاتتا يەنە، رايوندا دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىلگەنلىكى، دىننىڭ خىتايچە سوتسىيالىزمغا ماسلاشتۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىنغان.
دوكلاتتا سىياسىي كېڭەشنىڭ ئۆتكەن يىلدىكى خىزمەتلىرىنىڭ ئامېرىكىدا ماقۇللانغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» قاتارلىق ئۇيغۇرلارغا ئائىت قانۇنلارنى ئەيىبلەش، ئامېرىكانى قارىلاشنىڭ ئاساسلىق نۇقتا بولغانلىقى كۆرسىتىلىش بىلەن بىرگە 2024-يىللىق خىزمەتلىرىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا يەنىلا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىش بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن بىر يىل مابەينىدە چەت ئەللەرگە قارىتا تۈرلۈك تەشۋىقات ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىي ۋە دىنىي ئۆرپ-ئادەتلىرى بويىچە ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى رەت قىلىپ كەلگەن.
