خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش كومىتېتى يېقىندا «مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان» لىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 6 دېلو توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقارغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككى نەپىرى ئۇيغۇر ئەمەلدار ئىكەن.
ئۇلارنىڭ بىرى، يېڭىسار ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سابىق مۇئاۋىن سېكرىتارى، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھاكىمى مېھرىگۈل ئۆمەر، يەنە بىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يوقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئۈچىنچى سوتىنىڭ سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك سوتچى ئەنۋەر ھېزىم ئىكەن.
ئۇقتۇرۇشتا يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ سابىق ھاكىمى مېھرىگۈل ئۆمەر «يوقىرى سوممىدا پارا ئېلىش، ھۆكۈمەت ماشىنىسىنى شەخسىي ئىشلىرىغا ئىشلىتىش، 500 كىشىلىك چوڭ تىپلىق توي-تۆكۈن ئۆتكۈزۈش، ھەشەمەتلىك زىياپەتلەرگە قاتنىشىپ يامان ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلىش» بىلەن ئەيىبلەنگەن.
سابىق سوتچى ئەنۋەر ھېزىم «نەق پۇل ۋە سوۋغات قوبۇل قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن بولۇپ، خەۋەردە مۇنداق دىيىلگەن: «ئەنۋەر ھېزىم 2013-يىلدىن 2021-يىلغىچە، 5 يەردىن قاشتېشى، ئالىي دەرىجىلىك تاماكا ۋە ھاراق قاتارلىق سوۋغاتلارنى قوبۇل قىلغان، بۇلارنىڭ قىممىتى 69 مىڭ يۈەنگە باراۋەر كېلىدۇ.»
دىققەت قوزغايدىغىنى شۇكى، خەۋەردە «ئۇلارنىڭ يەنە ئىنتىزام ۋە قانۇنغا خىلاپ باشقا ئېغىر قىلمىشلىرىمۇ بار» دىيىلگەن بولۇپ، بۇ «قىلمىش» لارنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن.
يۇقىرىقى بۇ ئىككى ئۇيغۇر ئەمەلدارنىڭ ھەر ئىككىلىسى كومپارتىيە ئەزالىقىدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، مەمۇرىي ۋەزىپىلىرىدىن ئېلىپ تاشلانغان. ئۇلارنىڭ ئاتالمىش «جىنايەت» لىرى تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەۋەتىلىپ، قانۇن بويىچە رەسمىي ئەيىبلەشكە سۇنۇلغان.
2017-يىلى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى زور تۇتقۇنى باشلانغاندىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئۇيغۇر كادىرلار، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار بىلەن ئىدارە-ئورگانلاردىكى رەھبىرىي كادىرلار ئاتالمىش «سىياسىي جىنايەت» لەر بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى.
ئىگىلىنىشىچە، سابىق ھاكىم مېھرىگۈل ئۆمەر ئەسلىدە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىدا رەھبىرىي خىزمەتلەرنى ئۆتىگەن، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى بولغاندىن كېيىن خىتاي تاراتقۇلىرىدا «ئىستىقبالى زور كادىر» سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىنغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى 2021-يىلى 1-ئايدا ئۇنىڭ «ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش» گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈشكە ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
بۇ يىل 55 ياشلىق مېھرىگۈل ئۆمەرنىڭ خىزمەت ھاياتى 1985-يىلى قەشقەر دارىلمۇئەللىمىننى پۈتتۈرۈپ، 1987-يىلى قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ زەمىن يېزىسىدا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولۇش بىلەن باشلانغان. ئۇ 33 يىللىق خىزمەت ھاياتىدا ئاياللار كادىرى، مۇئاۋىن بازار باشلىقى، ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، پىلانلىق تۇغۇت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، تەشۋىقات بۆلۈمى باشلىقى ۋە ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش سېكرىتارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. مېھرىگۈل ئۆمەر 2012-يىلدىن بېرى يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كېلىۋاتاتتى.
بۇ قېتىم ئۇقتۇرۇش قىلىنغان 6 ئەمەلدارنىڭ قالغان 4 نەپىرى خىتاي بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ۋە يېزا ئىگىلىك نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى مېڭ فاڭگاڭ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇدىرى ۋاڭ ۋېيدوڭ، ئىلى ۋىلايىتىدىكى موڭغۇلكۈرە ناھىيەلىك مەنزىرە نۇقتىسىنى باشقۇرۇش كومىتېتى پارتكومىنىڭ سابىق سېكرىتارى جياڭ شىخۇا، ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رايون باشلىقى جاۋ چيەنچېڭ قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
