«ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرى» توردا سېتىش ھېلىھەم داۋام قىلماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ھادىسىسىنى ئىزچىل ئىنكار قىلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلاردا ئىشلەۋاتقان ئەرزان باھالىق ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنى «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ باي قىلىشتىكى بىر مۇھىم قەدەم» دەپ تەشۋىق قىلىپ كەلگەن ئىدى. «ئاسمان خەۋەرلىرى» تورىنىڭ شەندوڭ ئۆلكىسىدىكى نەق مەيدان تەكشۈرۈشلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى يالغانچىلىقىنى يەنە بىر قېتىم پاش قىلدى.

مۇخبىرلار تورلاردىكى «ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرى ئامبىرى» دا ئېلان قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئېلاننى بەرگەن كىشىلەر بىلەن ئالاقىلاشقان ھەمدە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا يوللىنىدىغانلىقىدىن خەۋەردار بولغان. شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ زاۋۇتلارغا ئىشقا چۈشۈشتىن بۇرۇن سىياسىي جەھەتتىن تەكشۈرىلىدىغانلىقىنى بىلگەن. ئەمما ئۇلار شەندوڭدىكى زاۋۇتلارغا بېرىپ كۆرگەندە بۇ ئورۇنلارنىڭ «يېرىم ھەربىيچە» تۈس ئالغان ھەمدە ھەممىلا جايغا كۆزىتىش ئاپاراتلىرى، ساقچىلارنىڭ قاراۋۇللۇقى ئورۇنلاشقان مۇھىتتا خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلگەن. ئەمما زاۋۇت خوجايىنى مۇخبىرلارغا «بىزنىڭ بۇ زاۋۇتتا ئۇيغۇرلار يوق» دەپ تۇرىۋالغان. ھالبۇكى مەزكۇر زاۋۇتنىڭ تور بېتىدە يېقىندا بىر تۈركۈم ئ‍ۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ ئىشقا چۈشكەنلىكى ئېيتىلغان.

ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن رەھىمە مەھمۇد بۇ توغرىسىدا سۆز قىلىپ «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنى خىتاي زاۋۇتلىرىدا ئەرزان باھالىق مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇشتا ئەكس ئەتمەكتە. بۇ دەل خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرى جاكارلىغان ‹ئۇيغۇرلارنىڭ يىلتىزىنى كېسىپ تاشلاش› ھەركىتىنىڭ ئەمىلىي ئىجرا بولۇشىدۇر،» دېدى.