ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرسىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي ماقالە ئەخلاق مەسىلىسى سەۋەبىدىن قايتۇرۇۋېتىلگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.01.01

ئەنگلىيەدىكى «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ 29-دېكابىر كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى 6-ئايدا گوللاندىيەدىكى بىر نەشرىيات 2019-يىل ئېلان قىلىنغان «ئىرسىيەت تەكشۈرۈش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر ۋە قازاق خەلقىنىڭ كىملىك ئالاھىدىلىكىنى تەھلىل قىلىش» ناملىق بىر ماقالىنى قايتۇرۇۋەتكەن. چۈنكى بۇ ماقالىنى يازغان تەتقىقاتچىلار ئۈرۈمچىدە ياشاۋاتقان 203 ئۇيغۇر ۋە قازاقنىڭ قان ۋە شۆلگەي ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ، ئۇنىڭدىكى ئىسپات ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى توپلىغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ماقالىنى يازغان خىتاي ۋە دانىيە تەتقىقاتچىلىرى ئامېرىكا بىيولوگىيە تېخنىكا شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان گېن تەكشۈرۈش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ ئېتنىك ئالاھىدىلىكىنى تەھلىل قىلغان. بۇ تەتقىقاتچىلار مەزكۇر تەتقىقاتنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن ھەمدە DNA نى تەكشۈرۈش ئۇسۇل ئارقىلىق ساقچىلارغا ياردەم قىلىپ، گۇماندارلارنى تونۇشقا قولايلىق يارىتىش تەكلىپى بەرگەن. ئۇلار مۇنداق دېگەن: «گېن ئۆزگىرىشلىرىنى ئېنىق تەھلىل قىلىش شىنجاڭدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئېتنىك مەنبەسى ۋە تارىخىنى چۈشىنىشتە ناھايىتى مۇھىم. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ساقچىلار ئۈچۈن ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشكە پايدىلىق يىپ ئۇچى بېرىدۇ» .

بۇ ماقالىنى قايتۇرۇۋېتىش، يەنى ئۇنى كىتابقا كىرگۈزمەسلىك سەۋەبى ھەققىدە بېرىلگەن ئىزاھاتتا، تەتقىقاتچىلارنىڭ گېن ئۇچۇرلىرىنى توپلىشىدا ئەخلاقىي مەسىلىنىڭ ساقلانغانلىقى، بۇ ماقالىنى ئېلان قىلغان «خەلقئارا قانۇن دوختۇرلۇقى ئىلمى: ئىرسىيەتشۇناسلىق» ناملىق ژۇرنالنىڭ تەلىپى بىلەن ئۇ ماقالىنىڭ قايتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئەينى چاغدىلا بۇ ماقالىنى ئېلان قىلماسلىق كېرەكلىكى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان مۇتەخەسسىسلەر، بۇ ماقالىنىڭ ئېلان قىلىنىشىنىڭ قانۇن تېبابىتى ۋە ئىرسىيەتشۇناسلىق ساھەسىدە يۈز بەرگەن نومۇسلۇق بىر ئىش ئىكەنلىكىنى، چۈنكى ئۇنىڭ ئاجىز ئورۇندىكى مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشقا شېرىك بولۇش قىلمىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.