ئامىستېردامدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا كىنو فېستىۋالىدا ئۇيغۇرلار تېمىسىدىكى فىلىم دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013-04-08
Share

ئالدىنقى كۈنى گوللاندىيىنىڭ ئامىستېردام شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا كىنو فېستىۋالىدا، ئۇيغۇرلار تېمىسىدا ئىشلەنگەن بىر ھۆججەتلىك فىلىم دىققەت قوزغىغان.

فىلىمىنىڭ ئىسمى «يىپەك يولىدىكى مودا ئېقىملار» بولۇپ، فىلىمدە ئاساسلىقى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ناخشا-ئۇسۇللىرىنى يەنى سەنئەت ھاياتىنى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئومۇمى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلگەن.

ئۇيغۇربىز تورىنىڭ گوللاندىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ئاساسەن خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر فىلىم كانادالىق، شۋېتسارىيىلىك ۋە بىلگىيەلىك 3 نەپەر رېژىسسورنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بارغان بىر قاتار تەكشۈرۈش ۋە ئىزدىنىشلىرىنىڭ نەتىجىسىدە روياپقا چىققان. فىلىم تاماشىبىنلارنىڭ كۈچلۈك قىزىقىشىنى قوزغىغان بولۇپ، فىلىم قويۇلغان كۈنى كىنوخانا زالىدا بوش ئورۇن قالمىغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، رېژىسسورلار ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكى سەۋەبىدىن كىشىلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە فىلىمنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىشىنى نەزەردە تۇتۇپ، فىلىمدە سەنئەتتىن باشقا تېمىلارغا ھالقىماسلىققا تىرىشقان. خەۋەردە مەزكۇر فىلىمنىڭ ئۇيغۇر كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى غەرب ئەللىرىدە تونۇشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىيالايدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت