ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى، ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى راجا كىرىشنامورتى يېقىندا دۆلەت مەجلىسىگە «بىيو-تېخنىكا خەۋپسىزلىكى قانۇن لايىھەسى» نى تونۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ ھەقتە ئۇ X ھېسابىدا يوللىغان ئۇچۇرىدا مۇنداق دەپ يازغان: «ئۇيغۇرلارنى ئېكسپلاتاتسىيە قىلىش كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ ھەرىكەت بولۇپ، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك. 5-ئاينىڭ 10-كۈنى مەن ‹بىيو-تېخنىكا خەۋپسىزلىكى قانۇن لايىھەسى› نى تونۇشتۇردۇم. بۇنىڭدىكى مەقسەت، ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ خۇئادا گېنلىرى گۇرۇھى (BGI) شىركىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراشتىن ساقلاش؛ چۈنكى بۇ شىركەت ئۇيغۇرلارنىڭ گېنلىرىغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاپ، خىتاي كومپارتىيەسىگە تەمىنلەپ بېرىدۇ».
كىرىشنا مۇرتىنىڭ بۇ ھەقتە ئېيتقان سۆزىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ خۇئادا گېنلىرى گۇرۇھى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ گېن ئۇچۇرلىرىنى توپلاپ، ئۇلارنى باشقىلاردىن پەرقلەندۈرۈش، باشقا نوپۇستىن ئايرىۋېتىش ھەمدە ئۇلارنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىدىكەن. بۇ شىركەت يەنە غەربنىڭ بەزى بىيو-تېخنىكا شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش جەريانىدا ئۇلارنىڭ تېخنىكىسىنى ئوغرىلاپ، خىتايغا يەتكۈزۈپ بېرىدىكەن. بۇ شىركەتنىڭ يەنە خىتاي ئارمىيەسى بىلەن ھەمكارلىقى كۈچلۈك بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن توپلىغان ئىنسان گېنلىرى بىلەن «ئالاھىدە ئەسكەر» بارلىققا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنماقتىكەن. ئۇلارنىڭ ئالاھىدە گېن بىلەن ھامىلە قالدۇرۇش سىناقلىرىغا ئائىت ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، ئۇلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا 8 مىليون قېتىم سىناق ئېلىپ بارغان ھەم ھېچقانداق ئايالنىڭ رۇخسىتىنى ئالمىغان ئەھۋالدا بارلىق ئۇچۇرلارنى خىتاينىڭ دۆلەتلىك گېن ئامبىرىغا يوللاپ بەرگەن. ئۇلارنىڭ غەرىزى دۇنيانىڭ بىيو-تېخنىكا ساھەسىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش ئىكەن.
راجا كىرشنامورتى مۇنداق دېگەن: «خىتاي 2035-يىلىغا بارغاندا دۇنيا بىيو-تېخنىكىسىنىڭ خوجىسىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى ھەم شۇ نىشانغا قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار بىر ياقتىن ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى ئوغرىلىسا، بىر ياقتىن باشقا ئىشلارنىمۇ قىلىۋاتىدۇ. بىز بۇ ساھەدە ھازىر قايسى ھالغا چۈشۈپ قالدۇق؟»
ئۇ سۆزىدە، ئامېرىكانىڭ بىيو-تېخنىكا ساھەسىدە ئۆزىنى قوغداشقا تېگىشلىك بارلىق تېخنىكا، ئۈسكۈنە ۋە گېن ئۇچۇرلىرىنى مەھكەم قوغدىشى كېرەكلىكىنى، ئۇنى خىتايدەك دۈشمەننىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويماسلىقنى تەكىتلىگەن.