«خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇشى» ناملىق ئەسەر نەشردىن چىقتى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ۋە زور كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتى خەلقئارادا تەدرىجىي ھالدا «يېڭى قىرغىنچىلىق» دەپ قارىلىشقا باشلىغاندا بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى تېخىمۇ تەپسىلىي شەرھىلىگەن «ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇش: خىتاينىڭ مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلىرىگە قاراتقان ئىچكى كۈرىشى» ناملىق ئەسەر پرىنسىتون ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتىدا نەشر قىلىندى.

ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئۇيغۇرشۇناس شان روبېرتسنىڭ بىرنەچچە يىللىق ئىزدىنىشلىرىنىڭ مەھسۇلى بولغان مەزكۇر ئەسەر مۇشۇ ساھەدە يېقىنقى مەزگىللەردە بارلىققا كەلگەن يىرىك ئەسەرلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئاپتور ئەسىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن تېزدىن ئۆزلىرىنى «تېررورلۇقنىڭ قۇربانلىرى» دەپ پەردازلاپ، دۇنياۋى مىقياستىكى تېررورلۇققا قارشى دولقۇنغا سۇقۇنۇپ كىرىۋالغانلىقى ھەمدە مۇشۇ باھانىدە ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ۋەھشىيانە باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكىنى تەپسىلىي بايان قىلىدۇ.

«دىپلومات» ژۇرنىلى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەخسۇس سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇپ، دوكتور شان روبېرتسقا بۇ ھەقتىكى بىر قاتار سوئاللارنى سۇندى. شان روبېرتس بۇ قېتىملىق سۆھبەتتە تېخىمۇ تەپسىلىي قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىيەتتە تېرورلۇقتىن تولىمۇ يىراق بىر خەلق ئىكەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش قىلمىشى تۈپەيلىدىن ئاخىرى بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئاۋازىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى زورلۇق ۋاسىتىسىنى قوللىنىش يولىغا ماڭغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە «دۆلەتنىڭ دۈشمىنى» دەپ قارىلىشقا باشلىغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە بۇ ھەقتە كۆپلىگەن تەشۋىقات ئۇچۇرلىرىنى يوللىغانلىقىنى بايان قىلدى.