ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ كېلەر يىلى 1-ئايدىن 2-ئايغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان 45-قېتىملىق يىغىنى خىتاينىڭ 4-قېتىملىق قەرەللىك كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى كۆرۈپ چىقىدۇ.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكانى مەركەز قىلغان «ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە تەپسىلىي دوكلات سۇنۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قارىتا سادىر قىلىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى» نى شەرھلىگەن. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ 20-ئىيۇل ئېلان قىلغان باياناتىدا قەيت قىلىشىچە، بۇ تەشكىلاتنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە يوللىغان دوكلاتىدا، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى سادىر قىلىۋاتقان تۈرلۈك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئائىت دەلىللەر سۇنۇلغان.
باياناتتا، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى روشەن ئابباس «بۇ دەپسەندىچىلىكلەرنىڭ كەڭ كۆلەملىك قاماش، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، مەجبۇرى ئەمگەك، رەقەملىك كامېرادا نازارەت قىلىش، مەجبۇرى تۇغقاندارچىلىق ئورنىتىش، دىنىي باستۇرۇش، دىنىي ئورۇنلارنى ۋەيران قىلىش، شۇنداقلا ئاياللار ۋە بالىلار ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى، بىر پۈتۈن نۇقتىدىن ئالغاندا بۇ قىلمىشلارنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى ۋەيران قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى تەشكىل قىلىدىغانلىقى» نى ئېيتقان.
خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈش يىغىنلىرىدا، غەرب دىپلوماتلىرى، ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى كەسكىن تەنقىد ۋە سوئاللىرىغا دۇچ كەلسىمۇ، بۇ تەنقىدلەرنى داۋاملىق رەت قىلىپ، ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلمەكتە، شۇنداقلا ئۇيغۇر رايونىدا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تەلەپلىرىنى رەت قىلماقتا.
باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، روشەن ئابباس، ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ سۇنغان دوكلاتى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىگە سۇنۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ خەتەر ئاستىدا قالغان ۋەزىيىتىنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ: «ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلق ئاياللىرى ۋە بالىلىرى خىتاينىڭ يوقىتىش ھەرىكىتىنىڭ مەركىزى نۇقتىسى. چۈنكى، ئۇلار بولمىسا كەلگۈسى ئەۋلادلارمۇ بولمايدۇ» دېگەن.
