«ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى «Netflix» نى خىتاي يازغۇچى ليۇ چىسەن بىلەن ھەمكارلاشماسلىققا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-09-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى ئامېرىكادىكى ئىنتېرنېت مېدىيە سۇپىسى «Netflix» كە بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇنى خىتاي يازغۇچى ليۇ چىسىن بىلەن ھەمكارلىشىشنى توختىتىشقا چاقىردى.

ئۇلار خىتاي يازغۇچىسى ليۇ چىسىننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ۋە جازا لاگېرلىرىنى قوللايدىغان بىر شەخسىلىكىنى تەكىتلىگەن ۋە ئۇنىڭ بىر قېتىملىق سۆزىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە زۇلۇم يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلىپ: «ئەگەر ئۇ يەردە ھەقىقەتەن بىر مەسىلە بار دېيىلسە، ئۇ ھالدا ئۇ ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىدۇر،» دېگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

9-ئاينىڭ 1-كۈنى «ھوللىۋود گېزىتى» خەۋەر تارقىتىپ، «Netflix» شىركىتىنىڭ يۇقىرىقى بۇ خىتاي يازغۇچى بىلەن ئۇنىڭ بىر ئىلمىي فانتازىيىلىك رومانىنى سېنارىيەلەشتۈرۈپ فىلىم ئىشلەش ھەققىدە كېلىشىم تۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىكەن. «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى باياناتىدا ئۇلارنى بۇ قارارىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە چاقىرىپ: «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى قوللايدىغان بىر شەخس بۇنداق كېلىشىملەر ئارقىلىق تارتۇقلاندۇرۇلماسلىقى كېرەك،» دېگەن. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم باياناتتا: «ئەگەر بىر ئاپتور ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ 6 مىليون يەھۇدىيغا قاراتقان چوڭ قىرغىنچىلىقىنى ئاقلىسا ۋە ئۇنى قوللىسا، Netflix يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئۇنىڭ بىلەن كېلىشىم تۈزەلەمتى؟ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاقلىغان ئاپتورنى قوللاشتىن ساقلىنىش ھەممەيلەنگە ئورتاق ئادەتكە ئايلىنىشى كېرەك، بۇنداق شەخسنىڭ ئەسىرىنى فىلىم قىلىپ ئىشلەشنى تاللاش جىنايەتكە شېرىك بولغانلىق، دەپ قارىلىشى كېرەك» دەپ ئەسكەرتكەن.

مەزكۇر تەشكىلات ئاخىرىدا Netflix شېركىتىنى بۇ خىتاي يازغۇچى بىلەن تۈزگەن كېلىشىمىنى دەرھال بىكار قىلىشقا چاقىرغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت