قىزىنىڭ تويىدا ھاراق قۇيۇشنى رەت قىلغان ئۇيغۇر ئىمام 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.04.15

ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدە قىزىنىڭ تويىدا ھاراق قۇيۇشنى رەت قىلغان بىر ئۇيغۇر ئىمام رادىكاللىق بىلەن ئەيىبلىنىپ 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

«شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئابدۇراخمان قارى ئىسىملىك بۇ ئىمام ئاقسۇنىڭ ئونسۇ ناھىيەسى چاغراق يېزىسى 3‏-كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇقكەن.

چاغراق يېزىسىنىڭ ئىماملىقىنى قىلىۋاتقان ئابدۇراخمان قارى 2015‏-يىلى ئاپرېلدا قىزىنىڭ تويىنى قىلغان.

«شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى» نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، يەرلىك كادىرلار ئابدۇراخمان ئىمامنى تويدا ھاراق قۇيۇشقا قىستىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئىسلامدا ھاراق ئىچىشنىڭ ھارام قىلىنغانلىقىنى، بىر ئىمامنىڭ سورۇن ھازىرلاپ ھاراق قۇيۇشى گۇناھ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھاراق قۇيۇشنى رەت قىلغان.

مەزكۇر ۋەقە يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن تېخى دەلىللەنمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ۋەقە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا ساقال، ھىجاب ۋە باشقا ئىسلامىي سىمۋوللارنى چەكلەپ، پىۋا ئىچىش، مۇزىكا، ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيەتلىرىنى دىنىي رادىكاللىققا قارشى تۇرۇشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىپ قوللىنىۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىنىپ دىققەت قوزغىدى.

«شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى» نىڭ قەيت قىلىشىچە، ئىمام ئابدۇراخمان قارى يېزا كادىرلىرىغا قايتا-قايتا چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يېزا كادىرلىرىنىڭ «ئەزەلدىن داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ھاراق ئىچىش مەدەنىيىتىمىزگە قارشى چىقتى» دەپ ئەيىبلىنىشتىن قۇتۇلالمىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.