خىتاي دائىرلىرى 630 ئۇيغۇر ئىمامنى تۇتقۇن قىلغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021.05.13
خىتاي دائىرلىرى 630 ئۇيغۇر ئىمامنى تۇتقۇن قىلغان ئۇيغۇر دىننىي زاتلارنى مەجبۇرى ئۇسۇلغا سالغان كۆرىنىش
Social Media

ئەنگىلىيە BBC تورىنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئىگىلىگەن مەلۇماتقا ئاساسەن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى 2014-يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدا كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، ئاز دېگەندە 630 ئىمام ۋە دىنىي زاتلارنى تۇتقۇن قىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 18 كىشى تۇتقۇن مەزگىلىدە ئۆلۈپ كەتكەن. تۇتقۇن قىلىنغان ئىماملارنىڭ كۆپىنچىسى «ئەسەبىيلىك تارقاتقان»، «ئادەم يىغىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزغان»، «بۆلگۈنچىلىككە كۈشكۈرتكەن» دېگەندەك قالپاقلار بىلەن ئەيبلەنگەن. ئەمەلىيەتتە بۇ كىشىلەردىن بەزىلىرى دىنىي تەبلىغ قىلىپ قويغان، جامائەت سورۇنلىرىدا دۇئا قىلغان ياكى رەسمىي ئىماملارنىڭ ئورنىدا ئىماملىق قىلىپ قويغان كىشىلەر ئىكەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي مۇتەخەسىسلىرى ئىشخانىسى 1046 مۇسۇلمان زاتنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇرلار ئىكەن. ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا،  تۇتۇلغان 630 ئىمام ئىچىدە 304 نەپىرى تۈرمىگە تاشلانغان. خىتايدا خالىغانچە قاماق جازاسى بېرىش ناھايىتى ئېغىر بولۇپ، بۇلاردىن 96 پىرسەنت كىشى 5 يىلدىن يۇقىرى قاماق جازاسىغا، 26 پىرسەنت كىشى 20 يىلدىن يۇقىرى قاماق جازاسىغا، 14 كىشى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.      

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.