ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتى «رېكورت» ياراتتىمۇ؟

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 25-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ 2022-يىلى سېنتەبىر ئېيىدىكى تاشقى سودا پائالىيىتىدە ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمى قىممىتى 26 مىليارد سوم (تۆت مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىن) يەتكەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلقى ئوخشاش پەسىلدىكىدىن «بىر قاتلانغان». بۇ ھال خىتايدىكى ئەڭ تېز سۈرئەتلىك ئېشىش رېكوردى بولغان 91 پىرسەنتلىك سەۋىيەدىنمۇ ھالقىپ چۈشكەن بولۇپ، سۈرئەتنىڭ ئېشىشى جەھەتتە پۈتۈن خىتاي بويىچە «بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن». خەۋەردە بۇ ھال «شىنجاڭنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان سودا پائالىيەتلىرىنىڭ مۇقىم ۋە تېز سۈرئەتتە ئېشىپ ماڭغانلىقى» نى گەۋدىلەندۈرۈش شەكلىدە بېرىلگەن بولۇپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا قارىتا ئېلان قىلغان ئىقتىسادىي جازا تەدبىرلىرى ھەققىدە بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلىنمىغان.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشى تاشقى دۇنياغا كۆپلەپ مەلۇم بولغاندىن كېيىن ئامېرىكا ۋە بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىن ئېكسپورت قىلىنىۋاتقان مەھسۇلاتلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بەدىلىگە ئىشلىنىۋاتقانلىقى ئۈچۈن بۇ ھەقتە ئوخشىمىغان جازا تەدبىرلىرىنى ئىشقا سالغانىدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ خىلدىكى ھەقلەر دەپسەندىچىلىكىنى چەكلەش مەقسىتىدە ئۇنىڭغا قارشى ‹يەر شارى ماگنىتىسكى قانۇنى› بويىچە جازا ئېلان قىلدى. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى دەپسەندىچىلىك قىلمىشىغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار بىلەن بىر سەپتە تۇرىمىز، شۇنىڭدەك خىتاينى بۇ جىنايەتلەرگە خاتىمە بېرىشكە چاقىرىمىز» دېگەنىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى شىركەتلەرنىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بازىرىغا قارىتىلغان ئېكسپورت سودىسىغا ئېغىر تەسىر يېتىپ، خىتاي ئىقتىسادىغا بەلگىلىك زەربە بەرگەنىدى.

ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ كۆپلەپ مەلۇم بولۇشىغا ئەگىشىپ بۇ خىل سودىغا ئىشتىراك قىلىشنىڭ ماھىيەتتە قىرغىنچىلىققا شېرىك بولغانلىق بولىدىغانلىقى ئايدىڭلاشقانلىقتىن «ئۇيغۇر رايونىدىن ئۆزىنى تارتىش» يۈزلىنىشى غەرب دۇنياسىدىكى كۆپلىگەن شىركەتلەرنىڭ سودا پائالىيەتلىرىدە كۆرۈلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشۇنداق تاشقى سودا چەكلىمىلىرى ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئەھۋالدا بۇ خىلدىكى ساختا ئۇچۇر تارقىتىش قىلمىشى ماھىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە كۆپ تەكىتلىنىۋاتقان «شىنجاڭ ھەققىدىكى بايانلارنى تېخىمۇ ياخشى سۆزلەش» شوئارىنىڭ بىر قىسمى، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. يەنە بىر ياقتىن ئالغاندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋىرۇس يۇقۇمىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ئىجرا قىلىنىۋاتقان قاتتىق قامال قىلىش چارىلىرى تۈپەيلىدىن نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ توختاپ قالغانلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى تۈرلۈك ئۇچۇرلاردىنمۇ ۋاسىتىلىك ھالدا مەلۇم بولماقتا.