خىتاي ئاز سانلىق مىللەت ئىسىملىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش ھەققىدىكى بەلگىلىسىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بۇ بەلگىلىمە چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ ۋە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان ۋە خەلقئارا جامائەت خىتاينىڭ مەزكۇر بەلگىلىمىدىكى مەقسىتى ئۇيغۇر قاتارلىق دۆلەت ۋە ھاكىمىيەتكە قارشى مىللەتلەرگە قارىتا كونتروللۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە خىتاي تەرەپنى تەنقىد قىلغان ئىدى. تۈنۈگۈن خىتاينىڭ شىنجاڭ گېزىتى بۇ ھەقتە مەخسۇس ئىزاھات ماقالىسى ئېلان قىلىپ، مەزكۇر بەلگىلىمىنىڭ پۇقرالارغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشقان. ئەمما ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ بۇ ئىزاھاتىنى قانائەتلىنەرلىك ئەمەس دەپ قاراشماقتا.
ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان كۆزەتكۈچى ئۇچقۇنجان ئەپەندى، خىتاينىڭ ئىسىم - فامىلىنى قېلىپلاشتۇرۇشتا ئاساسلىقى ئۇيغۇر قارشىلىق كۈچلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى كونترول قىلىش، بولۇپمۇ مۆكۈنۈپ يۈرىۋاتقان ۋەقە گۇماندارلىرىغا قېچىش پۇرسىتى بەرمەسلىك ئىكەنلىكى مەقسەت قىلغانلىقىنى، پەقەت خەلقئارا جامائەتنىڭ تەنقىدىگە جاۋابەن مەزكۇر ئىزاھاتنى بېرىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
