ئەنگىلىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس، ئېتنىك مۇزىكا تەتقىقاتچىسى، لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى رېيچېل ھاررېسنىڭ «ئۇيغۇر ئىسلامىنىڭ ئاۋازلىق كۆرۈنۈشلىرى» ناملىق كىتابى «برىتانىيە ئېتنو-مۇزىكاشۇناسلىق مۇنبىرى مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن. بۇ ئورۇننىڭ 16-ئىيۇن ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشىدا، «بىز رېيچېل ھاررېسنىڭ 2020-يىلى نەشر قىلىنغان ‹ئۇيغۇر ئىسلامىنىڭ ئاۋازلىق كۆرۈنۈشلىرى› نامىق كىتابىنىڭ 2022-يىللىق ‹برىتانىيە ئېتنو-مۇزىكاشۇناسلىق مۇنبىرى مۇكاپاتى› غا ئېرىشكەنلىكىنى خوشاللىق ئىلكىدە ئېلان قىلىدۇق،» دېيىلگەن.
مەزكۇر ئورۇننىڭ ئۇقتۇرۇشىدا ئېيتىشىلىچە، «خىتاينىڭ غەربىي-شىمالىدىكى ۋەزىيىتى ناھايىتى كەسكىن بولغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى سوفىزم ئېقىمىدىكى مۇسۇلمانلارنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان بۇ كىتاپ، كۆپ قاتلاملىق، خېتېروفونىك، يەنى ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئاۋاز بىلەن يەككە مېلودىيەدە مۇستەقىل ئۆزگىرىش ھەم ماسلىشىش ھاسىل قىلىدىغان ئاۋاز مەنزىرىلىرىنىڭ كۆپ قىرلىق ئېتنوگرافىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدىكەن».
ئۇقتۇرۇشتا يەنە ئاپتورنىڭ «جەسۇرلىق بىلەن دەل ۋاقتىدا ئىنچىكە كۆزىتىش ئېلىپ بېرىپ، ئاۋاز ئۆزگىرىشى، سوبيېكتىپلىق، ۋەكىللىك خاراكتېر ۋە كۈچ توغرىسىدىكى مول ئېتنو-مۇزىكاشۇناسلىق تەتقىقاتىنى تارىخ، سىياسەت ۋە دىن بىلەن مۇجەسسەملۈشتۈرگەنلىكى» تەكىتلەنگەن.
پروفېسسور رېيچېل ھاررېسنىڭ ئۇيغۇر سوفىزىملىق مۇزىكا سەنئىتى ۋە ئەدەبىياتىغا بېغىشلانغان بۇ كىتابى، يۇقىرى قۇرۇلمىلىق ھالەتتە مۇنداق تۆت مەسىلىنى ئاساسلىق نۇقتا قىلغان، يەنى ھىكمەت ئېيتىش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، تاۋۇشلارنىڭ چەك-چېگراسى ۋە ئەسەرلەرنىڭ دەۋرىي ئايلىنىشىنى ئاساس قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ كىتاپ پروفېسسور ھاررېسنىڭ ئۇيغۇر رايونى، قازاقىستان ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر توپلۇقلىرى ئارىسىدا ئېلىپ بارغان ئۇزۇن يىللىق تەكشۈرۈش ھەم تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، 2020-يىلى ئامېرىكادىكى ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان ئىكەن.