ئەزىز ئىسا ئەلكۈن: «ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن ئەركىن ياشاشقا لايىق»

ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر شائىرى ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى ئەزىزى ئىسا ئەلكۈن چەتئەلدىكى خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ «يېڭى تاڭ» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداشتىكى مۇھىم رولى، شۇنداقلا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى يوقىتىشقا قانداق ئۇرۇنۇۋاتقانلىقلىرى ھەققىدە توختالغان. «يېڭى تاڭ» تېلېۋىزىيە قانىلى 2-يانۋار تارقاتقان سۆھبەتتىن مەلۇم بولۇشىچە، سۆھبەتتە ئەزىز ئىسا ئەلكۈن «ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن ئەركىن ياشاشقا لايىق» بىر خەلق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017 ۋە 2018-يىللىرى ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىشقا باشلىشىدىن تارتىپ ھازىرغىچە رايوننىڭ ۋەزىيىتىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغانلىقى، بىردىن بىر ئۆزگىرىشنىڭ لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ سانى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇلار كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن باشلانغان 2017، 2018-يىللىرىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا 5 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە قىسمەن ساندىكى قازاق، قىرغىز قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، رايوندا 1200 دىن ئارتۇق لاگېرنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ھېسابلاپ چىققان. ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاقسۇ، كورلا، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردا يېڭى سانائەت ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونلىرىنى قۇرۇپ، نۇرغۇن خىتاي شىركەتلىرىنى كۆچۈرۈپ كەلگەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ كارخانىلاردا ئەرزان باھالىق مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ باستۇرۇشتا ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە پەرزەنتلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەڭ قولاي ھۇجۇم قىلىش نىشانىغا ئايلانغان. ئەزىز ئىسا ئەلكۈن سۆھبەتتە يەنە ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداپ قېلىشتىكى مۇھىم رولى ھەققىدىمۇ ئەتراپلىق توختالغان. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، «شېئىرىيەت ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى داۋاملىق جانلىق تۇتۇشنىڭ ئاساسلىق يوللىرىدىن بىرى» ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ تەرجىمە ۋە تەھرىرلىشىدە ئىنگلىزچىگە تەرجىمە قىلىنىپ، ئەنگلىيەدىكى پېنگىۋېن نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان تۇنجى «ئۇيغۇر شېئىرلار توپلىمى» نى تونۇشتۇرۇپ، بۇ كىتابتا ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىملىقىنىڭ نامايان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.